تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پولات ئستىھكام قۇرۇپ، گۈزەل يۇرت ـ ماكانىمىزنى قوغدايمەن

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسى سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتى سۇغىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئېلىجان

   پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزۈمدىن باشلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ، ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇرچۇمنى زىممەمگە ئالىمەن.

   پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا ئۈلگە بولىمەن. ئۆزۈمنىڭ 1 – سالاھىيىتىمنىڭ پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، 1 – مەسئۇلىيىتىمنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسىي ساپايىمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنى ھىمايە قىلىشنى باشتىن – ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزۈمنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.

   باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولىمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر ۋاقىت دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر ۋاقىت باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسى، شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ى، تۈرلۈك قانۇن – نىزاملارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرىمەن، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن. چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلەر ئالدىدا مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، باشتىن – ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، زەربىدارلاردىن، ئاۋانگارتلاردىن، باشلامچىلاردىن بولىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، تىنچ، ئىناق، باي، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

   ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى قوزغاشتا ئۈلگە بولىمەن. ئۆز ئەۋزەللىكىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئۆگىنىشتە، ئەمگەكتە بىللە بولۇپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. ھەر مىللەت ئاممىغا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ مىللىي مۇناپىق ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرىمەن. مەن ئاممىنىڭ كۆزىنى يوغان ئېچىپ ئۇلارنىڭ يىرگىنىشلىك ئەپت –  بەشرىسى ۋە رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشىغا ياردەم بېرىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە يوشۇرۇنغىدەك جاي قويمايمەن، ئۇلارغا ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەيمەن. ئەتراپىمدىكى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قۇرۇپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ياخشى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى