چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر دەل ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى
مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى سەھەر سائەت 6 دىن باشلاپ، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ تاشۋېلىق يېزىسىدىكى قىسمەن جايلاردا تۇيۇقسىز قارا يامغۇر ياغدى. يامغۇر قىسقا ۋاقىتتا تۇيۇقسىز كۆپ ياغقانلىقتىن كەلكۈن پەيدا قىلدى، كەلكۈننىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېقىم مىقدارى سېكۇنتىغا 700 كۇب مېتىرغا يەتتى. ھازىرغا قەدەر 345 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى، بىر قىسىم تاشيول، تۆمۈر يول، ئېلېكتىر ۋە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋاقتىدا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كونكرېت ئاپەت ئەھۋالى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانماقتا.
ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر دەل ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى تېزدىن تارقاقلاشتۇرۇش، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى دەرھال يۆتكەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرىدىغان جايى، يەيدىغان تامىقى ۋە ئىچىدىغان سۈيىنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، زۆرۈر بولغان تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇزۇلغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ ئالاقىدار تارماقلار ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جايلار نۇقتىلىق رايونلارنى ئالا قويماي تەكشۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى نىشانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
شۇ يەردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت دەل ۋاقتىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى، ئوت مۇداپىئەسى، سەھىيە ۋە قاتناش قاتارلىق قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىدى.
ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشتى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق ئىناق ھەم مۇقىم بولۇۋاتىدۇ.