دېھقانلار گېزىتى خەۋىرى. ئىستېمالچىلار تۇخۇم سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئاۋۋال چېقىلىپ كەتكەن، يېرىلىپ كەتكەن تۇخۇملارنى تاللاپ چىقىرىۋېتىپ، ساق تۇخۇملارنىڭ شاكىلىغا چاپلىشىپ قالغان مەينەت نەرسىلەرنى پاكىز لاتا ياكى قەغەز بىلەن سۈرتۈپ چىقىرىۋېتىشى كېرەك. ئاندىن تۇخۇمنىڭ ئۇچلۇق تەرىپىنى ئاستىغا قارىتىپ تىك قويۇپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلاش كېرەك. ئەتىياز، كۈز پەسلىدە، تۇخۇم ساقلىغان ئورۇنغا ياغاچ قىرىندىسى، يۇمشاق قۇم، گۈرۈچ شاكىلى، شال كېپىكى قاتارلىقلارنى يېيىپ، تۇخۇمنىڭ ئۇچلۇق تەرىپىنى ئاستىغا قارىتىپ تىك قويۇپ، سالقىن جايدا ساقلاش كېرەك. تۇخۇمنى توڭلاتقۇدا كۆپ بولغاندا 40 كۈن ساقلاشقا بولىدۇ، نورمال تېمپېراتۇرىدا ئادەتتە 10-15 كۈنگىچە ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ساقلاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، تۇخۇمنىڭ ساپلىقى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبى تەسىرگە ئۇچراپلا قالماستىن، باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، شاكال يېپىشقاقلىشىش، تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئېقى ئارىلىشىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
تۇخۇمنى خام پېتى يېسە پىشۇرۇپ يېگەنگە قارىغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قاراش خاتا، خام تۇخۇم يېيىشنىڭ زېيىنى بولىدۇكى پايدىسى بولمايدۇ. 1. خام تۇخۇم يېگەندە ئاسانلا باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ 2. ئوخشىمىغان ھالەتتكى تۇخۇمدا كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنى ئېلىپ يۈرۈش نىسبىتى بولىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تولۇق پىشۇرۇلمىغان تۇخۇمنى يېگەندە مىكروب بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى بولىدۇ؛ 3. خام تۇخۇمنىڭ پۇرىقى كىشىنى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپ قويىدۇ. شۇڭا تۇخۇمنى چوقۇم پىشۇرۇپ يېگەن ياخشى.