تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

جورىڭىز بىلەن بىللە تاماق يېيىش بەختىنى قەدىرلەڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    بىللە غىزالىنىش بەخت. ئەر-ئايالنىڭ قانچە ۋاق تاماقنى بىللە يېيەلەيدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىش قىيىن، ئەمما كۈچلۈك ئائىلە پۇرىقى داستىخاندا بىللە ئولتۇرۇش ئارقىلىق تەدرىجىي قويۇقلىشىدۇ ھەمدە چوڭقۇرلىشىدۇ. مۇشۇنداق ئاددىي غىزالىنىش داۋامىدا ھېسسىيات تەدرىجىي ئىللىقلىققا، مۇھەببەت قېرىنداشلىق مېھرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ دەل ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ماھىيىتى بولۇپ، بەخت دەل مۇشۇنداق ئاددىي-ساددىلىقلار ئارىسىغا مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ. شۇڭا جورىڭىز بىلەن بىرگە غىزالانغان ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەڭ.

   ئەمما تۇرمۇشتا بەزى ئەر-ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى مەنىسىز ئۆتىدۇ. ئەينى چاغدا قىزغىن مۇھەببەتلەشكەنلەر تۇرمۇش بوسۇغىسىغا قەدەم قويغاندا بولسا تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى تۈپەيلى ھېسسىياتى سۇسلاپ كېتىدۇ. ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغاندا ھېسسىياتقا دەز كېتىپ، ئائىلە كىرىزىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن.

   ئەمەلىيەتتە، بەخت ئەر-ئاياللاردىن ئۇنچە يىراقتا ئەمەس. بەختنى ھېس قىلالايدىغان بىر جۈپلەر ئاددىي تۇرمۇش ئىچىدىن گۈزەللىك تاپالايدۇ، ئاددىي ئىشلار بىلەن تۇرمۇشىنى مەناغا ئىگە قىلالايدۇ.

   بىز ھەمىشە ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببىتى جاپا-مۇشەققەت ئارىسىدا تاۋلىنىدۇ، دەيمىز، ئەمما كىشى تۇرمۇشتا ھەمىشە جاپا تارتمايدۇ. ئەمما تاماق كۈندە يېيىلىدۇ. ئەر-ئاياللارغا نسىبەتەن بىللە غىزالىنىش باشقىچە مەناغا ئىگە. بىر داستىخاندا كۈندە بىللە تاماق يەيدىغان ئەر-ئايال تاماق يېيىش داۋامىدا ئىختىيارسىزلا بىر-بىرىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ.

   مەن تونۇيدىغان بىر جۈپ قەدىناس بار، ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا 30 يىلدىن ئاشتى. ئادەتتە ھەر ئىككىسىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولسىمۇ، ئەمما كۈندىلىك تاماق ۋاقتىدا ئىككىيلەن چوقۇم ئۆيىگە بىللە قايتىپ، تاماق ئېتىپ يەيدۇ.

   بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارغانىدىم. تاماق ئۈستىلىدە ئايالى ئېرىگە كۆكتاتنى كۆپرەك يېيىشنى ئېيتتى. ئېرىمۇ پات-پات ئايالىنىڭ قاچىسىغا سەي سېلىپ بېرەتتى. مەن بولسام ئۇلارنىڭ بۇ ئاددىي ھەرىكەتلىرىدىن باشقىچە ئىللىقلىق ھېس قىلغانىدىم.

   ئىلگىرى بەزىلىرىمىز كەسپىمىز ۋە كۆڭۈل ئېچىش بىلەن ھەلەك بولۇپ، جورىمىز بىلەن بىللە تاماق يەيدىغان پۇرسەتتىن ۋاز كېچىشتۇق، ئەمما شۇ ئەڭ ئاددىي بەختنى توپلاشتىن ۋاز كەچتۇق. بەخت توپلانمىسا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ناتونۇش كىشىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، بەختمۇ ئاستا-ئاستا ئائىلىدىن يىراقلىشىدۇ. شۇڭا، جورىڭىز بىلەن بىرگە تاماق يېگەن دەقىقىلەرنى قەدىرلەڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى