تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئالۇي يېلىمىنى قانداق ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؟ (3)

    ئالۇي يېلىمى ئارقىلىق چاچنى قۇۋۋەتلەش

   ئالۇي يېلىمىنىڭ نەملىك ساقلاش ئۈنۈمى يۇقىرى. ئادەتتە چاچ يېرىم قۇرىغاندا چاچقا ئالۇي يېلىمى سۈرۈپ، يىنىك ئۇۋۇلاپ تەبىئىي قۇرۇتسا چاچتىكى قۇرغاقلىشىش، چىگىلىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ياخشىلىنىدۇ.

   ئالۇي يېلىمى ئارقىلىق قىچىشىشنى توختىتىش

   ئالۇي يېلىمىنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇپ، مىكروپ ئۆلتۈرۈش رولى بار. شۇڭا ھاشارەتلەر چېقىۋېلىپ تېرە قىچىشسا ياكى قىزىرىپ قالسا، ئازراق ئالۇي يېلىمى سۈرسە دەرھال ياللۇغ يېنىپ، قىچىشىش توختايدۇ.

    ئالۇي يېلىمى ئارقىلىق ئۆلۈك تېرىنى تازىلاش

   ئالۇي يېلىمىگە ئاز مىقداردا تۇز ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزگە سۈرۈپ ئۇۋۇلاپ بەرسە ئۆلۈك تېرىلەر تازىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى