تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئالۇي يېلىمىنى قانداق ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؟ (2)

    ئالۇي يېلىمى ئارقىلىق ئاپتاپتىن كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

   ئالۇي يېلىمى ئەسلىدىنلا تېرىنى راھەتلەندۈرۈش ۋە تۇراقلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ئاپتاپتا كۆيگەن ئورۇنغا ئالۇي يېلىمى سۈرۈپ 20~15 مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتكەندە، كۆيگەن تېرە تېز ئەسلىگە كېلىدۇ.

   ئالۇي يېلىمى ئارقىلىق ئىششىقنى ياندۇرۇش

   يۈز ئىششىپ قالغاندا، ئالۇي يېلىمىنى توڭلاتقۇدا بىر كېچە ساقلاپ، ئىككىنچى كۈنى ئىششىپ قالغان ئورۇنغا سۈرۈپ، 10 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، يۈزدىكى ئىششىق يېنىپ تېرىنىڭ نەملىك دەرىجىسى ئاشىدۇ.

    ئالۇي يېلىمى ئارقىلىق داغ يوقىتىش

   ئالۇي يېلىمىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئامىنو كىسلاتا، ئورگانىك كىسلاتا قاتارلىق تەركىبلەر بار بولۇپ، قارا پىگمېنت شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەتتە يۈزنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، ئالۇي يېلىمى بىلەن سۇنى 1:3 نسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ، داغ چۈشكەن ئورۇنغا سۈرۈپ ئۇۋۇلاپ بەرسە ھەمدە مۇشۇ ئۇسۇلنى كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرسا داغ يوقايدۇ.

   ئالۇي يېلىمى ئارقىلىق قورۇق يوقىتىش

   ئالقانغا مۇۋاپىق مىقداردا ئالۇي يىلىمىنى سىقىپ چىقىرىۋېلىپ، ئاز مىقداردا زەيتۇن مېيى تېمىتىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۈزدىكى قورۇق چۈشكەن ئورۇنغا سۈرۈپ، يىنىك ئۇۋۇلاپ بەرسە (ئۇزۇن داۋاملاشتۇرسا) قورۇق يوقايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى