تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئالۇي يېلىمىنى قانداق ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؟ (1)

    ئالۇي يېلىمىنىڭ قانداق رولى بار؟ ئالۇي يېلىمىنى قانداق ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؟

   ئالۇي يېلىمىگە كەچلىك مەلھەمنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش

   ئالۇي يېلىمىگە كەچلىك مەلھەمنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە، كەچلىك مەلھەمنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەملىك ساقلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

   ئالۇي يېلىمى ئارقىلىق دانىخورەكنى يوقىتىش

   ئالۇي ياللۇغنى قايتۇرۇپ، مىكروب يوقىتىدۇ. قول ۋە يۈزنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، دانىخورەك چىققان ئورۇنغا بىر قەۋەت ئالۇي يېلىمى سۈرۈپ بەرسە، ياللۇغ يېنىپ، دانىخورەك ئىزى يوقايدۇ.

    ئالۇي يېلىمىنى پەرداز سۈتلىكىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش

   ئالۇي يېلىمىنى پەرداز سۈتلۈكىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە، تېرىنىڭ نەملىكى ئاشىدۇ. شۇڭا تېرىسى قۇرغاقلار پەرداز سۈتلۈكىگە ئالۇي ئارىلاشتۇرۇپ سۈرسە، تېرە ئاسان قۇرغاقلاشمايدۇ، پەردازمۇ ئۇزۇن تۇرىدۇ.

   ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئالۇي يىلىمى سۈرۈش

   تېرىنىڭ كېچىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ تېزلىشىدىغان بولغاچقا، ئالۇي يېلىمىنى سۈرۈپ ئۇخلىسا، ئالۇي يېلىمىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى