تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى. 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ئورتاق ياخشى قىلىش كېرەك.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تونۇشتۇردى.

   سۆھبەت يىغىنىدا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو ئىشچى – دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، ‹‹3 – سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لىن يىفۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى ئالقىشلىدى ھەم تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، گۇاڭدۇڭ – شياڭگاڭ  – ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇش، تىجارەت – سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش، چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، نۇقتىلىق رايونلاردا يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئەلئارا كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر – تەكلىپلەرنى بەردى.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلىدى، جايلار، تارماقلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلەتتى، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى تىرىشىپ ياخشى قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا –  سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر – تەكلىپلەرنى بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشىنى مۇھىم ئاساسقا ئىگە قىلدى. بولۇپمۇ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش 1 – سېپىگە ئاتلىنىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەپ، 1 – سەپتىكىلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى، يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەت، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يولداشلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپچىلىك سۆزىدە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قاراتمىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك پىكىرلەرنى بەردى، بىز ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىمىز.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاساسىدا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەتنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، تاشقى سودا، چەت ئەل مەبلىغى، سېلىنما، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

   شى جىنپىڭ كۆپچىلىكتىن مۇنداق ئۈچ ئۈمىدنى كۈتتى: بىرىنچى، كۆپچىلىكنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، ئىشەنچنى ساقلاپ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئىككىنچى، كۆپچىلىكنىڭ دىققەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئەقىل كۆرسىتىشىنى ۋە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دىققەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، زور ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››دە غەلىبە قىلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەر، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ھالقىلىق مەسىلىلەر، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا كۆپرەك چوڭقۇر چۆكۈپ چارە – تەدبىر ئىزدەپ، تېخىمۇ كۆپ قىممەتلىك، سالمىقى بار پىكىر – تەكلىپلەرنى بېرىشى كېرەك. ئۈچىنچى، كۆپچىلىكنىڭ نۆۋەتتىكى جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بارلىق ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاقىلىشىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئوبيېكتىپ قاراپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولسىلا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق تەرەققىياتىدا توپلىغان پۇختا ئاساسى، مول تەجرىبىسى، كەڭ دۆلەت ئىچى بازىرى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكىلىقى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئايلىنىش ئىمكانىيىتى بولسىلا، بىزنىڭ ھەرقانداق خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئىدىيەۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، بارلىق ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنى ئىسلاھاتنى چۈشىنىش، ئىسلاھاتقا ئاتلىنىش، ئىسلاھاتنى قوللاش، ئىسلاھاتقا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى تىرىشىپ قوغدىشىمىز كېرەك.

   دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خۇ چۇنخۇا، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

   سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە چېن شياۋگۇاڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ ۋە جياڭ زوجۈن، لى يۆفېڭ، جاڭ بوجۈن، جاڭ داۋخۇڭ، لى شىجيې، جۇ يۇڭشىن، ساۋ خۇڭمىڭ، لەي مىڭ، خۇاڭ رۇڭ، گاۋ خۇڭجۈن قاتارلىقلار بار.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.