تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا جۇڭگو تۆھپىسى قوشايلى

ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا ـ سانائەت مۇنبىرىدە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى توغرىسىدا(6)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   ‹‹جۇڭگو خەلقى مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، ھەم ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئەقىل – پاراسەت ئېلىپ، ھەم شەرق، غەربتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كەڭ قوبۇل قىلىپ، دۇنياغا ئۈزلۈكسىز يۈزلىنىپ، دۇنياغا سىڭىشىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى››. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئەسلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان ‹‹جۇڭگو ھەرىكىتى››نى تەنتەنىلىك بىلەن جاكارلاپ، يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەدھىيەسىگە ئېرىشتى.

   بۇ يىل، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئاجايىپ مۇساپىلەرنى بېسىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى غورىگىللىكتىن باياشاتلىققا، نامراتلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە يۈزلەندى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە 700 مىليون نامرات ئاھالە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدە دۇنيا بويىچە ئازايتىلغان نامرات ئاھالە ئومۇمىي سانىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى،

   جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا سىجىل تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئۇدا كۆپ يىل %30تىن ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم مۇقىملاشتۇرغۇچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو خەلقىنىڭ باشتىن – ئاخىر يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىزدىنىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ 2 – قېتىملىق ئىنقىلابىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى؛ جۇڭگو خەلقىنىڭ باشتىن – ئاخىر كۆكسى – قارنىنى كەڭ قىلىپ، دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ قوشقان جۇڭگو تۆھپىسى ‹‹دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ياخشى بولىدۇ، جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ›› دېگەندىن ئىبارەت ئاددىي قائىدىنى تولۇق دەلىللىدى.

   جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سۈرەتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹بىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دەۋرنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىغا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ قاتنىشىپ، جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ زور پۇرسەت يارىتىپ بېرىمىز››. ئەمەلىيەت جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنىڭ دۇنيادىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنىڭمۇ جۇڭگودىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى؛ جۇڭگو قايسى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشتىن قەتئىينەزەر، باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلىماقتا.

   ‹‹بىز ئىشىكنى ئۈزلۈكسىز چوڭ ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىمىز››. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جاراڭلىق، مەردانە ئىدى. ئۆتكەن 40 يىلدىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ جەزمەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ يىل 4 – ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جاكارلىغان ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئائىت بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر ھازىر تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ؛ بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ‹‹تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز يارىتىلىدۇ››، ‹‹بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ››، ‹‹ئىمپورت دائىرىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىلىدۇ››؛ بۇ يىل 11 – ئايدا، جۇڭگو شاڭخەيدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشى ئۈچۈن يېڭى سۇپا قۇرۇپ بېرىدۇ؛ جۇڭگو ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ؛ بۇ يىل 9 – ئايدا، جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتماقتا، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ تاقىلىپ قالمايدىغانلىقىنى، بەلكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

   ھەر بىر دەۋردە شۇ دەۋرگە مۇناسىپ مەسىلە بولىدۇ، بىر ئەۋلاد كىشىدە شۇ كىشىلەرگە مۇناسىپ بۇرچ بولىدۇ. دۇنيا بىلەن ئۈزلۈكسىز تەڭ قەدەمدە مېڭىش، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش جۇڭگو خەلقى ئۆز زىممىسىگە ئالغان مۇقەددەس مەسئۇلىيەت. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىللە قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە، بىز چوقۇم ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى