تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى››غا قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى››غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى تىرىشىپ ياخشى قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلەتتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئاساسلىق ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى مۇۋاپىق ئارىلىقتا تۇردى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ياخشىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلاندى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچەيدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بەزى يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، تاشقى مۇھىتتا روشەن ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئاساسىي زىددىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھەل قىلىش كېرەك. كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ۋەزىپە مۈشكۈل ھەم ئېغىر. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك.
                       
   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، ئىشەنچلىك پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، جانلىقلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مالىيە سىياسىتى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشى كېرەك. پۇل بىلەن تەمىنلەش باش ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، تاشقى سودا، چەت ئەل مەبلىغى، سېلىنما، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جۇڭگودىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. ئىككىنچى، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى نۆۋەتتىكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش جەھەتتىكى تۈزۈم توسالغۇسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، پىشاڭنى ئېلىۋېتىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەپ، سالماق ۋە رىتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى چىقىرىش پەيتىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە مايىللىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، بازار ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە قويۇۋېتىشتىن ئىبارەت زور تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، ئۆي – زېمىن بازىرى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزلىمىگە مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلىپ، بازار تەرتىپىنى تۈزەپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تېز ئورنىتىش كېرەك. ئالتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مائاش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى چىقىمىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە، چوڭقۇر ئىشلەش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى ھەقىقىي چىڭىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىشتا، چوقۇم قاتتىق ئىنتىزام كاپالىتىگە تايىنىشى شەرت. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئىنتىزام قۇرۇلۇشى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى ئىنتىزام قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىنتىزام قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى، ئەمەلىيىتى، تۈزۈمدىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ، پىششىقلاپ پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى قىلىش كېرەك. نىزامدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى مەقسەت ۋە مەۋقە قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئالاقىدار بىر قانچە مىزان قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىدىكى تەلەپلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كونكرېتلاشتۇرۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا تۈزۈم قەپىزىنى چىڭىتىپ، تۈزۈمنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىۋىلىكى، دەۋرىيلىكى، قاراتمىلىقىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بۇرچ يېتەكچىلىكى بىلەن مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامىدا سىياسىي ئىنتىزام ئەڭ مۇھىم، ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ ئاچقۇچلۇق. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسى بىلەن قانۇن ئىجراسىنى بىرلەشتۈرۈپ، قاتتىق ئىنتىزام ۋە قانۇن ئۆلچىمى بويىچە، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇش، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدە تۇتۇش، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش كېرەك. ئىنتىزامنى تۇتۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ خاتالىق سادىر قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بۇمۇ كادىرلارغا بولغان ئەڭ زور كۆيۈنۈش، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى سىنايدۇ. ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن تۈزۈم بېكىتىپ، قائىدە تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشتىن ئىبارەت ئۆتكۈر قوراللىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پولاتتەك ئىنتىزامنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى ۋە ئاڭلىق ئەمەل قىلىدىغان قوللانمىسىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

   يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى