تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئۇيقۇ...

   ئادەتتە كىشىلەر بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر ئويغانسا سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا قارىماي، قارىغۇلارچە سەھەر تۇرساق، سالامەتلىكىمىزگە زىيان يېتىشى مۇمكىن.

  پايتەخت تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسى ئۇيقۇ-نەپەس يولى كېسەللىكلىرى داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو شىخېڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ساغلام ئۇيقۇ ئالدى بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك دەۋرىيلىكىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 ئەتراپىدا بولۇپ، سەھەردە ئۇيقۇغا قېنىپ قوپۇش، ئادەمنىڭ ئۇخلاش دەۋرىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ .

   بۇنىڭدىن سىرت، چوڭلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى 7-8 سائەتكە، بالىلارنىڭ توققۇز سائەتكە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. زىيادە ئۇزۇن ياكى زىيادە قىسقا ئۇخلاش ئۇيقۇ توسالغۇسى بولۇشى مۇمكىن. بالىلار كېچىگىچە تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە، ئىككىنچى كۈنى كۆپرەك ئۇخلىۋېلىشى كېرەك، بولمىسا ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ خىزمەتچىلەر كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلىگەندە، ئەتىسى ئۇيقۇسىنى تولۇقلىشى كېرەك؛ ياشانغانلارنىڭ كەچتە ئۇدا يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇ بولۇشى تەسكە توختايدۇ، ئەمما ئەتىگەندە ناھايىتى ياخشى ئۇخلايدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا بالدۇر قوپۇشنى تەكىتلەشنىڭ  ھاجىتى يوق، بولمىسا ئۇيقۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇش، كۈندۈزى خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى