تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن ئون يىل››نىڭ تارىخىي بوسۇغىسىدا

  __رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10–قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇزېشى

  2018 – يىلى جوھاننىسبۇرگنىڭ قىش پەسلى، ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن ئون يىل››نىڭ تارىخىي بوسۇغىسىدا تۇرۇپ، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، يىراققا نەزەر سالساق، دۇنيا دولقۇنىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز. 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن 27 – كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سەھنىسىگە يەنە بىر قېتىم كەلدى.

  ھەر يىلى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن، بۇ يىل يەنە بىر قېتىم كېلىشكەن جايغا كەلدى، ئورۇن دەل بەش يىل ئىلگىرى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان جاي جەنۇبىي ئافرىقا ئىدى.

  بەش يىل ئىلگىرىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغىنى شۇكى، خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆز قىلىشىغا ئىنتىزار بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارا سەھنىدە بىر قاتار قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، دۇنياغا ئېنىق جۇڭگو ساداسىنى يەتكۈزدى، ئاكتىپ جۇڭگو لايىھەسىنى سۇندى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۈگۈنكى تەقەززاسىغا جۇڭگونىڭ ئېنىقسىز دۇنيادىكى مۇقىم نەتىجىسىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدى قوشۇلغانىدى.

  تارىخ ۋە كەلگۈسى، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىلگىرىلەش

  7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ 16گە يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يىغىن زالىغا بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر كىرىشكە باشلىدى. ئۇلار ئوخشىمىغان تىلدا سۆزلىشەتتى، ئۇلار بىر بولسا يىراق دېڭىز – ئوكيانلاردىن ھالقىپ كەلگەن، بىر بولسا ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن. رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىنىڭ جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىدا تۇنجى بولۇپ سەھنىگە چىقتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ ‹‹دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشايلى›› دېگەن ماۋزۇسىدا جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئويلىنىشى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹كېسەك ئالتۇن مېخانىزمىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا ئەندىزىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ مەھسۇلى››.

  ئون يىل ئىلگىرى، كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى بارلىققا كەلگەن مەزگىل دەل گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ توپ ھالەتتە قەد كۆتۈرگەن پەيتى ئىدى. 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش بىرەسمىي يىغىنىدا، يىغىن قاتناشچىلىرى بەس – بەستە سانلىق مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز قىلدى. ‹‹گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %80كە يەتتى. پېرېۋوت نىسبىتى ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40كە يېقىنلاشتى››.

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر شيامېن ئۇچرىشىشىدا تىلغا ئالغان ئىككى كۆرۈش نۇقتىسىدىن قارىساق، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىگىلى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەلگۈسى ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ.

  دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى ئۆزگەرتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى؛ بەش دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ۋە ئورتاق تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى سودا سېلىنمىسى چوڭ بازىرى، پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە چوڭ ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھەلەر چوڭ ئالاقىسى، ئادىمىيەت چوڭ ئالاقىسى نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.بۈگۈن كېسەك ئالتۇن بەش دۆلىتى ئېنگۇنى تىلىدا ‹‹ئالتۇن شەھەر›› دەپ ئاتالغان جوھاننىسبۇرگقا جەم بولدى، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ‹‹<ئالتۇن شەھەر>دە <ئالتۇن ئون يىل> ئۇلۇغۋار گۈزەل پىلانىنى تۈزۈش ناھايىتى مۇۋاپىق بولدى!›› شۇ كۈنى كەچتىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنى قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بۇ سۆزنى ئەسلىي تېكىست بويىچە نەقىل كەلتۈردى ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن ئون يىل››نى ئورتاق كۈتۈۋېلىشقا چاقىردى.

  ھازىرقى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان زور ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالماقتا. خەلقئارا ئەندىزە ئۆزگىرىشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى قانداق پىلانلىغىلى بولىدۇ؟ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدەك تارىخىي مۇساپىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۆز تەرەققىياتى ئۈستىدە قانداق ئىزدىنىدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى مەزگىلىدىكى بىر قاتار سۆزلىرىدە كەلگۈسى ئون يىلدىكى دۇنيانىڭ يۈزلىنىشى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندى ۋە توغرا ھۆكۈم چىقاردى. زۇڭتۇڭ رامافۇسا نەق مەيداندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ ‹‹سۆزلىرىڭىز ئىنتايىن ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىكەن›› دېدى.

  ‹‹كەلگۈسى ئون يىل، دۇنيا ئىقتىسادىدا كونا بىلەن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئالمىشىدىغان ھالقىلىق ئون يىل››.

  بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ باش تېمىسى ‹‹4 – قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى››غا مەركەزلەشتى. 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ خاڭجۇ ئۇچرىشىشىنى ئەسلىسەك، ‹‹ئافرىقىنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشى›› مۇھاكىمە قىلىنىدىغان قارالمىلارنىڭ بىرى بولغانىدى. ۋاقىت ئاتقان ئوقتەك ئۆتمەكتە، 4 – قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى، ئۇنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى شەكىلنى بارلىققا كەلتۈرۈش كۈچى مۇشۇ پەيتتە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك تاللاش سۈپىتىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن سىياسەت ئۇقۇمىنى شەرھلىدى. 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ چوڭ دائىرىلىك يىغىنىدا زۇڭتۇڭ رامافۇسا بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلاردىن بولۇشنى تەكىتلىدى، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر پەن – تېخنىكا رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىشكە كۆڭۈل بۆلدى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بايان قىلدى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ‹‹ئىش ئورنى ياراتقۇچىلاردىن بولۇش، ئىش ئورنى ئىزدىگۈچىلەردىن بولماسلىق››نى ئۈمىد قىلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى يېڭىلاش نۇقتىسىدىن، قاينام – تاشقىنلىققا تولغان بۇ دەۋر دولقۇنى ئۈستىدە ئويلاندى ۋە ئۇنى ئىگىلىدى. ‹‹دولقۇن يېتىپ كەلدى، يېتىشىپ ماڭمىساق ئارقىدا قالىمىز، شاللىنىمىز. بىز قىلالايدىغان ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈش، كونا بىلەن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت››.

  ‹‹كەلگۈسى ئون يىل، خەلقئارا ئەندىزە ۋە كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا تېز ئۆزگىرىش بولىدىغان، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى چوڭقۇر قايتا بەرپا قىلىنىدىغان ئون يىل››.

  خەلقئارا ۋەزىيەت ئىنتايىن تېز ئۆزگەرمەكتە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر تەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىدىكى كۆرۈنۈش سىرتىدىكى شاۋقۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىغىن مەيدانىدا ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچ ساننى توپلاشقا تۈرتكە بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئېنىق شەرھلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹سودا جېڭى قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا يەڭگۈچى بولمايدۇ. ئىقتىسادىي زومىگەرلىك قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆز پۇتىمىزغا ئۆزىمىز پالتا چاپقان بىلەن باراۋەر››.

  قائىدىنى قوغداشتەك مەسئۇلىيەتچان مەيدان، ھەمكارلىشىشقا يۈزلەنگەن ئىجابىي پوزىتسىيە يىغىن مەيدانىدا ئۇزاققا سوزۇلغان ئالقىشقا مۇيەسسەر بولدى، شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدىمۇ كۈچلۈك ئەكس سادا پەيدا قىلدى. چەت ئەل تاراتقۇلىرى باھا بېرىپ: ‹‹بىز سودا ئۇرۇشىغا <ياق> دېيىشىمىز كېرەك›› دېدى؛ يەنە بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرى ‹‹ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىش›› دېگەن سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، جۇڭگو دۇنيانىڭ تەشۋىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇردى، دەپ قارىدى.

  ئېچىۋېتىش كېرەككى، بېكىنمىچىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەككى، قوشنىسىغا ئورا كولاشقا بولمايدۇ، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپلىمىلىككە قارشى تۇرۇش كېرەك... جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندىكى قەتئىي تاللىشى بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەيدانىغا ئايلاندى، شۇنداقلا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات قارىشىدا ئۆزئارا ماسلاشقانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. زۇڭتۇڭ رامافۇسا مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك تەرتىپنى قوغدىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركەزلىك ئورنىنى قوغدىشى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى قوغدىشى زۆرۈر؛ زۇڭتۇڭ تېمېر مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ھازىر دۈچ كېلىۋاتقان خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؛ زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە ۋە خەلقئارا قائىدىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداشقا ئورتاق تىرىشىشى كېرەك؛ زۇڭلى مودى مۇنداق دېدى: قورۇقچىلىق باش كۆتۈرگەن، كۆپ تەرەپلىك سىستېما خىرىسقا دۈچ كەلگەن ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال قاتنىشىشىمىز كېرەك.

  ئورتاق سادا، ئورتاق ئىرادە. 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ‹‹جوھاننىسبۇرگ خىتابنامىسى››نى بىردەك ماقۇللىدى، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلدى: ‹‹بىز كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۈچ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بارلىق دۆلەت ۋە ئاممىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك››. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بېكىنمىچىلىك توزىقىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغان.‹‹كەلگۈسى ئون يىل، بەش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرىدىغان، زور پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىدىغان ئون يىل››.

  جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيانىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سەۋەبنى ئىزدىشىگە تۈرتكە بولدى، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت جۇڭگونى چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇش، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات قارىشىدىكى ئىچكى مەنتىقە يۇغۇرۇلغان.

  جۇڭگو پۇرسىتى يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پۇرسىتى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ پۇرسىتى. جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ‹‹جۇڭگو پۇرسىتى›› توغرىسىدا توختالدى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018 – يىللىق يىللىق يىغىنىدا، جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە دائىر بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى جاكارلىدى؛ بۇ يىل 11 – ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، سودا پۇرسىتى كەينى – كەينىدىن يېتىپ كېلىدۇ؛ يەنە ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنغان، ئاۋاز قوشقۇچىلار توپلانغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بار. تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن داۋاملىشىپ كەلگەن ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان بۇ يول يەنە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ يېڭى دەۋر شەرھىسىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىچكى، تاشقى جەھەتتە ھەمكارلىق يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ھەر قېتىم ئۇچرىشىپ ئازادە پاراڭلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹ھەمراھ›› دېگەن بۇ تېما ئۈستىدە دائىم توختىلىدۇ.

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا بەش دۆلەت قول تۇتۇشۇپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە نۇرغۇن بوران – چاپقۇننى باشتىن كەچۈردى. ئايرىم كېسەك ئالتۇن دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىدە داۋالغۇش بولغانلىقى، تەرەققىياتىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ، خەلقئارادىكى بەزى كىشىلەر ‹‹كېسەك ئالتۇننىڭ رەڭگى ئۆڭدى›› دېيىشتى، ھەتتا بەزىلەر ‹‹كېسەك ئالتۇن پارچىلىنىپ كەتتى›› دەپ بىلجىرلىدى. بۇنىڭغا قارىتا رەئىس شى جىنپىڭ قەتئىي ئىنكاس قايتۇرۇپ: ‹‹كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىش يوشۇرۇن كۈچى ۋە يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى، بىز بۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىمىز›› دېدى. ئۇ جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىدا يەنە بىر قېتىم ئىشەنچنى كۈچەيتىپ: ‹‹كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەيدىكەن، جەزمەن خەتەرلىك، تىك قىيالاردىن ھالقىپ، يېڭى ئېگىز چوققىغا چىقالايدۇ، يېڭى مەنزىلگە يېتەلەيدۇ...›› دېدى.

  بىرازىلىيەدىكى فورتالېزا ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە تۈرتكىسىدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا بەش دۆلەت تۇنجى كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى مۇستەقىل قۇرغان، بۇنىڭ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى بارلىققا كەلگەنىدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى پايدىلىق تولۇقلىيالايدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرەلەيدۇ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشى، يەنىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسلاھ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ››. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى رايون مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىدىكى قىزىق تېمىغا ئايلاندى. زۇڭتۇڭ رامافۇسا: ‹‹يېڭى تەرەققىيات بانكىسى غايەت زور كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى›› دېدى. رەئىس شى جىنپىڭ قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بىراۋنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلماستىن، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ تورتنى تىرىشىپ زورايتىدۇ››.

  ھازىرقى دۇنيا مۇقىمسىزلىققا، ئېنىقسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بەزىلەر ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىنى ‹‹قۇچاقلىشىپ ئىسسىنىش›› دەپ ئاتىدى.

  ‹‹ھەمراھ››نىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ئوڭۇشلۇق شارائىتتا مول نەتىجىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، ئوڭۇشسىز شارائىتتا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەشتە. ‹‹بوران – چاپقۇندا تەۋرەنمەسلىك، باشقىچە پىكىرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق...›› رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەر قېتىملىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا قىلغان كىلاسسىك سۆزلىرى كىشىگە چوڭقۇر ئىلھام بەخش ئېتىدۇ. بۈگۈن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى گۇرۇپپا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالدى.

  بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ھەمكارلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ‹‹كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ››.

  ‹‹ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقنى ساقلاپ قېلىش، ئەمەلىي بولۇپ يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، كۆڭلى – كۆكسى كەڭ بولۇش، ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن باشقىلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش››. رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئون يىللىق تەجرىبىسىدىن ئالغان ئۈچ ئىلھامنى چوڭقۇر خۇلاسىلىگەن. جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى سىياسىي ۋە ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈشتەك كونا يولدىن ۋاز كەچتى، ئىدېئولوگىيەنى پاسىل قىلغان كونا تەپەككۇرنى رەت قىلدى، سەن يېڭىلدىڭ، مەن يەڭدىم دەيدىغان، يەڭگۈچى ھەممىگە ئىگە بولىدىغان كونا قاراشتىن ھالقىدى، بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقتىكى مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلىنىدۇ.

  ھەمراھلىق مۇناسىۋەت دەۋر دولقۇنىغا يولۇققاندا، قانداق ھاياتىي كۈچ ۋە يوشۇرۇن كۈچ ئۇرغۇتۇلىدۇ؟

  يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى جۇڭگونىڭ جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىغا قوشقان يەنە بىر تۆھپىسى. رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىدە ئاساسىي مەقسەتنى باشتىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىچكى مەزمۇنىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹بىز كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە سانائەتلەشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا بىلەن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلىكتە تېزلىتىمىز››.

  تەرەققىيات ۋەزىيىتى كوردىناتىدا يېڭى ھەمكارلىق يولى ئۈستىدە ئويلىنىپ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەنىڭ يىراقنى كۆرەرلىككە ھەم نېگىزلىككە ئىگە بولۇشى، يىغىن مەيدانىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. ئۇچرىشىشتا ماقۇللانغان ‹‹جوھاننىسبۇرگ خىتابنامىسى››نى ۋاراقلاپ كۆرسەك، ئۇنىڭدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ‹‹بىز كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا يۈكسەك باھا بېرىمىز››. ‹‹بىز يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز››. زۇڭتۇڭ رامافۇسا بۇنىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ ھەمراھلىق مۇناسىۋەت سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، سىغدۇرۇشچان ئېشىش، سېلىنما ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىككىنچى <ئالتۇن ئون يىل> ئۇلۇغ پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ››.

  بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ‹‹<كېسەك ئالتۇن +> ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، كەڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ››.

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ئاللىبۇرۇن بەش دۆلەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى.

  ئۆزىنىلا ئويلىماستىن، گۈزەللىكلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، ئالاقىدار خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش تەدرىجىي مېخانىزملاشتى. تېخىمۇ كۆپ گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە يېقىنلىشىشنى ئارزۇ قىلماقتا. جۇڭگو شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، ‹‹كېسەك ئالتۇن+›› ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ‹‹دوستلار چەمبىرىكى›› ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. بۇ يېڭىلىق يارىتىش داۋاملاشتۇرۇلۇپ، جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم ‹‹كېسەك ئالتۇن +›› باشلىقلار سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئافرىقا ھەم گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن 20 نەچچە باشلىق بىر يەرگە جەم بولدى.

  يىغىن مەيدانىدا، مۇزاكىرە تېمىسىنىڭ كەڭ دائىرىلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى كىشىنى ھاياجانلاندۇراتتى.

  بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن، دەل شۇ يىغىن مەركىزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئۇنىڭ سۆزى ئافرىقا باشلىقلىرىنىڭ ‹‹كىم ھەقىقىي دوست، كىم ھەقىقىي ھەمراھ›› دەپ توختىماي ئالقىشلىشىغا سازاۋەر بولغانىدى. ھالبۇكى، بۇ قېتىم جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹چىن، سەمىمىي››لىكىگە قارىتا، ئافرىقا خەلقى ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پويىز، داغدام يول، مول ھوسۇللۇق ئېتىز، ئىللىق ئۆي… جەھەتلەردە ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى. ئۇگاندا زۇڭتۇڭى مۇساۋىنى جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ئۇگانداغا مەبلەغ سېلىپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلىدى، جۇڭگونىڭ ‹‹ھەققانىيەت – مەنپەئەت قارىشى›› كەڭ تەسىر قوزغىدى.

  نۇرغۇن دۆلەت، ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەت باشلىقلىرى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۈستىدە توختىلىپ، ھەممىسى بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىندىن ئۈمىدلەرنى كۈتتى. ئۇلار ئورتاق تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: ‹‹ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا ۋە گۈللەندۈرمەكتە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى دەل ۋاقتىدا ئېچىلىدىغان بولدى›› دېيىشتى.

  رامافۇسا ‹‹كېسەك ئالتۇن +›› باشلىقلىرى سۆھبەتلىشىش يىغىنىدا خۇلاسە سۆز قىلغاندا، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى ئالايىتەن تىلغا ئېلىپ: ‹‹بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۇچرىشىشى 9 – ئايدىكى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا ئاساس سېلىپ، ياخشى تەييارلىق قىلدى. بىز بېيجىڭدا يەنە بىر قېتىم جەم بولىمىز، بىز بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەقەززامىز›› دېدى.

  ‹‹ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە››. ئوچۇق، سېغدۇرۇشچان بولغانلىقتىن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسى سۇ دولقۇنلىرىدەك ئۆركەشلەپ، تەدرىجىي كېڭەيدى. رەئىس شى جىنپىڭ چوڭ دائىرىلىك يىغىندا مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹شيامېن ئۇچرىشىشىدا <كېسەك ئالتۇن +> ھەمكارلىق قارىشى تۇرغۇزۇلدى، ئۇنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بەش دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق يادروسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ <دوستلار چەمبىرىكى>نى سىجىل كېڭەيتىپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت››.

  سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش. بىر كۈندىن كېيىنلا، ‹‹جوھاننىسبۇرگ خىتابنامىسى››دا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ماقۇللانغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹كېسەك ئالتۇن +›› باشلىقلار سۆھبەتلىشىش يىغىنىدا گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مۇنداق تەشەببۇس چىقاردى: ‹‹جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە، شۇنداقلا گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۈزلىنىدۇ. ماسلىشىش ئېففېكتىنى قويۇپ بېرىپ، ئىجادىي، ھەمتۈرتكە، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى››.

  ‹‹جوھاننىسبۇرگ خىتابنامىسى››نى ماقۇللىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن سودا – سانائەت كېڭىشىنىڭ سۆھبەتلىشىش يىغىنى ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى مەيدانى، يەنە بىر چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ھالقا ئىنسانىيەت بۆشۈكى ئىزناسى بىلەن سىندا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلدى. توپا بېسىپ كەتكەن ئاپپارات جوھاننىسبۇرگنىڭ غەربىي شىمال قىسمىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يىغىن مەيدانىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەردى، بۇ يەردىن بايقالغان ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ تاش قاتمىسى پۈتۈن يەر شارىدا بايقالغان ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ تاش قاتمىسى ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدۇ. تارىخنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، يىراق قەدىمكى زامان – ماكاننىڭ ئەكس ساداسىغا قۇلاق سېلىندى، رامافۇسا زۇڭتۇڭ مۇنداق دېدى: 4 – قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن ئون يىل››ىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە ئورتاق يۈزلىنىمىز.

  تەقدىرداش، ئىستىقبالى بىر – بىرىگە باغلانغان بولۇش. ‹‹كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى ئورنىتىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرى زىچ باغلانغان››. رەئىس شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئۇقۇمىدىكى جۇڭگو ھەرىكىتىنى شەرھلىدى: ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنى ئۆزگەرگىنى يوق. مەيلى كەلگۈسىدە جۇڭگو قانداق تەرەققىي قىلسۇن، مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە تەۋە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قەتئىي قوللايدۇ، كۆپچىلىك بىلەن قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ››.بۇ، جۇڭگونىڭ دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئۆزگەرمەس ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيىتى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.