ساياھەتچىلەر 7 -ئاينىڭ 28-كۈنى قابا ناھىيەسى جايلىما يېزىسىنىڭ ئاقتۆبە كەنتىدىكى چۇغلۇق گۈلى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى لو شياۋخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شىخې خەۋىرى فوتوسى: مۇخبىر 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسى جايلىما يېزىسىنىڭ ئاقتۆبە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ۋاڭ چاۋفېي بىلەن ئالاقىلاشقاندا، ئۇ كەنتتىكى چۇغلۇق گۈلى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قىسقا ۋىدىيو تارتىپ، «دوستلار چەمبىرىكى»گە يوللاۋاتقانىدى.
ۋاڭ چاۋفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ 50 موغا يېقىن ئېتىزىمدا چۇغلۇق گۈلى بار، ساياھەتچىلەرنىڭ تاماشا قىلىشىدىن باشقا، چۇغلۇق گۈلىنى قۇرۇتۇپ ساتقىلى بولىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مو يەردىن ئۈچ توننا گۈل قۇرۇتقىلى بولىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنى 20 يۈەن ھېسابلىغاندا، ھەر مو يەردىن 25 مىڭدىن 30 مىڭ يۈەنگىچە ساپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، چۇغلۇق گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ بۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەنزىرىسى بولۇپ قالدى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى بۇ جايغا كېلىپ گۈل سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزگىچە جۇڭگو تېبابىتى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىش+گۈل سەيلىسى ساياھەت كەسپى ئاقتۆبە كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يولىنى ئاچتى.