تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئاياللار ئېرىغا ئېيتىشقا بولمايدىغان تۆت جۈملە

ماتېرىيال سۈرەت

    ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئېيتىشقا بولمايدىغان 1-جۈملىسى: بىڭسىڭىزنى ئۆيدە ئەمەس تالادا كۆرسىتىپ بېقىڭ!

     ئەر-ئايال قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغاندا، ئاياللار ئەرلەرگە يۇقىرىقىدەك گەپلەرنى ئېيتىپ سالىدۇ. بەزى ئەرلەر سىرتتا بىر ئاز بوزەك بولۇپ، باشقىلارغا ئاچچىقلىنىشقا پېتىنالمايدۇ-دە، دەردىنى ئۆيىدىكىلەردىن چىقىرىدۇ. ئاياللار بۇنداق دېسە ئەرلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالغان بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەرلەرنىڭ يارىسىنى تاتىلىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

   ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئېيتىشقا بولمايدىغان 2-جۈملىسى: ئۇ كىم؟ ئۇنىڭ بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭ بار؟

   ئەرلەرنىڭ يانفۇنى سايراپلا قالسا، ئاياللار ئىختىيارسىز : «كىمكەن؟» دەپ سورايدۇ، ئېرى ئانچە-مۇنچە دۇدۇقلاپ قالسىلا ئايالنىڭ سوئاللىرى يېغىپ كېتىدۇ. ئاياللار ئەزەلدىن گۇمانخور كېلىدۇ، ئېرىنىڭ يانفونى، پورتمالى دېگەندەك نەرسىلىرىنى ئاختۇرۇپ بېقىشقا قىزىقىدۇ. بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ ئېرىگە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ قالمىغاندەك تەسىر بەرگەچكە، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ.

   ئاياللارنىڭ ئېرىگە ئېيتىشقا بولمايدىغان 3-جۈملىسى: سىز نېمانچە يارىماس!

   ئاياللار باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئەرلەر ئۆز ئىقتىدارىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئاياللار بولۇپمۇ توي قىلغان ئاياللار دائىم دېگۈدەك ئېرىنىڭ خىزمەت ياكى تۇرمۇشتا ئىقتىدارسىزلىقىدىن ئاغرىنىدۇ، ئەمما بۇ ئەرلەرنىڭ غورۇرىغا تېگىدۇ. ئەرلەر خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىش ۋە ئىقتىدارلىق بولۇشنى تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دەپ قارايدۇ. ئەمما يۇقىرىقىدەك سوغۇق سۇ سېپىدىغان گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئىقتىدارى پەرقلىق بولىدۇ. ئايال ئەينى چاغدا شۇ ئەرنى تاللىغان ئىكەن ئەلۋەتتە رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشى، ئېرىنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇنىڭغا ئىشەنچ ئاتا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

   ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئېيتىشقا بولمايدىغان 4-جۈملىسى: پالانچى يېڭى ئۆي، ئاپتوموبىل سېتىۋاپتۇ...

   بۇنىڭدىن ئەرلەر ئىككى نۇقتىنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ: بىرى، مەن يارىماس، ماددىي جەھەتتە ئايالىمنىڭ تەلىپىدىن چىقالمىدىم، دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتە، ئايالىم پۇلغىلا چوقۇنىدىكەن، ماددىي نەرسىنى مېھىر-مۇھەببەتتىن ئۈستۈن كۆرىدىكەن، دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەر ئۆزىدىن رازى بولمايلا قالماي، ئايالىدىنمۇ ئاغرىنىدۇ. بۇنداق سۆزلەر تولا ئېيتىلسا، ئەر ئارتۇقچە ئويلىۋېلىپ، ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى يىراقلىشىپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى