ئەگەر دىققەت قىلسىڭىز، تۈگمىنىڭ بۇ يىللىق مودىنىڭ بىر ئاساسلىق ئېلېمېنتى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
تۈگمە ئادەتتىكى بىر كۆڭلەك ياكى يوپكىنىمۇ ئالاھىدە ئۇسلۇبقا ئىگە قىلىدۇ، ئاددىيلىق ئىچىدىكى ئۆزگىچىلىكنى نامايان قىلىدۇ.
ئۇنداقتا تۈگمىلىك كۆڭلەك ۋە يوپكا تاللىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەمسز؟
بويى پاكار خانىم-قىزلار
تۈگمىلىك كۆڭلەك ۋە يوپكا تاللىغاندا ئالدى بىلەن ئۇزۇنلۇقىنى ئويلىشىش كېرەك. چۈنكى كۆڭلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى بوينىڭ ئېگىز ياكى پاكار كۆرۈنۈشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بويى ئانچە ئېگىز بولمىغان خانىم-قىزلار تۈگمىلىك قىسقا كۆڭلەكنى تاللىشى كېرەك.
بەدەن شەكلى نەشپۈتسىمان ئاياللار
يانپىشى چوڭ بەدەن شەكلى نەشپۈتسىمان ئاياللار بېلى يۇقىرى A خەت شەكىللىك تۈگمىلىك ھەم چېكى بار يوپكا كىيسە مۇۋاپىق. چۈنكى بۇنداق يوپكا يانپاشنىڭ چوڭلۇقىنى بىلىندۈرمەيدۇ ھەم پاچاقنى ئۇزۇن كۆرسىتىدۇ.
بويى پاكار ھەم بەدەن شەكلى نەشپۈتسىمان ئاياللار
تۈگمىلىك كۆڭلەكنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ماسلاشتۇرۇش ئاسان. ئەمما تۈگمىلىك كۆڭلەك تاللىغاندا چوقۇم بەل قىسمىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بەل قىسمى يىغىلىپ تۇرمىسا بەلباغ تاقاش ئارقىلىق بېلىمىزنى ئىنچىكە، پاچىقىمىزنى ئۇزۇن كۆرسىتىشىمىز كېرەك.