تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

كۆڭلەك ياراشماسلقنىڭ سەۋەبى

    يازدا خانىم-قىزلار گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل پاسوندىكى كۆڭلەكلەرنى كىيىدۇ. ئەمما بەزى خانىم-قىزلار كۆينەك كىيسە ئۆزىگە ئانچە ياراشمىغاندەك ھېس قىلىدۇ.

   كۆڭلەكنىڭ بەل قىسمى بەك تۆۋەن بولۇش

   كۆڭلەك كىيگەندە بەدەننىڭ تېخىمۇ زىلۋا، بوينىڭ ئېگىز كۆرۈنۈشى كۆڭلەكنىڭ بەل قىسمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

   ھەرقانچە گۈزەل ھەم مودا خانىم-قىزلار، بەل قىسمى تۆۋەن يوپكا ياكى كۆڭلەك كىيسە، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن بىلەنمۇ ئوخشاشلا پۇتى قىسقا كۆرۈنۈپ، گۈزەللىكىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا بەل قىسمى بەك تۆۋەن كۆڭلەك ياكى يوپكىلارنى ئامال بار كىيمەسلىك كېرەك.

    كۆڭلەك بەك ئۇزۇن بولۇش

  ئوخشاش بوي ئېگىزلىكتىكى ئاياللار ئوخشىمىغان ئۇزۇنلۇقتىكى كۆڭلەك كىيسە، بوي ئېگىزلىكى ئوخشاش كۆرۈنمەيدۇ. شۇڭا بويى پاكار خانىم-قىزلار يازدا تىزىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان كۆڭلەك ياكى يوپكىلارنى كىيسە ئەڭ مۇۋاپىق. بەك ئۇزۇن كۆڭلەڭ كىيىش ئەكسىچە گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    بەدەنگە چىڭ كېلىدىغان كۆڭلەك كىيىش

    بەدەنگە چىڭ كېلىدىغان كۆڭلەك ئاياللارنى تەنناز كۆرسىتىدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنداق كۆڭلەك ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى نۇقسانلارنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ئەگەردە بەدەن شەكلىڭىز زىلۋا بولمىسا، ئامال بار بۇ خىل كۆينەكلەرنى كىيمەڭ.

    كۆڭلەك بەك كەڭ بولۇش

   بەدەنگە چىڭ كىلىدىغان كۆڭلەكلەرنىڭ بەدىنىڭىزدىكى نۇقسانلارنى ئاشكارىلاپ قويىدىغانلىقى ھەرگىزمۇ كەڭ كۆڭلەكلەرنىڭ سىزنى ئورۇق كۆرسىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. كەڭ كۆڭلەكلەر ھەر قانچە ئورۇق ئادەمنىمۇ ئاز دېگەندە 2.5 كىلوگرام سېمىز كۆرسىتىدۇ. ئۈستى بەدىنى بىر قەدەر تولغان ئاياللار كەڭ كۆڭلەك كىيىشكە تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ.

    رەڭلىرى بەك مۇرەككەپ كۆڭلەك كىيىش

    شۇنچە قىممەت باھادا سېتىۋالغان كۆڭلەكنىڭ ئەرزان كۆرۈنۈپ قېلىشى، كۆڭلەك رەڭگىنىڭ بەك مۇرەككەپ بولغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە، رەڭگى ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كەتكەن كۆڭلەكلەرنى ئالدىراپ كىيمەسلىك كېرەك.

    يەڭسىز كۆڭلەك كىيىش

   يازدا تېخىمۇ ئىسسىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، خانىم-قىزلار يەڭسىز كۆڭلەكنى كۆپرەك كىيىدۇ. ئەمما بېلىكى توم خانىم-قىزلار بۇنداق كۆڭلەكلەرنى كىيگەندە تېخىمۇ سېمىز كۆرسىتىپ قويىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى