تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

 ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال جۇمھۇرىيىتى، رىۋاندا جۇمھۇرىيىتى، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10 – قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتى چېگراسىدىن ئۆتكەن ھەم دوستانە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تېلېگراممىسى. 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال جۇمھۇرىيىتى، رىۋاندا جۇمھۇرىيىتى، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10 – قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتى چېگراسىدىن ئۆتكەن ھەم دوستانە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

   رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار بىر ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.

   شۇ جاي ۋاقتى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ماۋرىتىئۇستىن دۆلەتكە قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى. ماۋرىتىئۇس زۇڭلىسى جاگنات ۋە رەپىقىسى كېبىتا كابىنېت ئەزالىرى بىلەن بىللە ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

   ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە رەپىقىلىرى ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا قىزغىن خوشلاشتى. شى جىنپىڭ ماۋرىتىئۇسنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئاسىيا – ئافرىقا سەپىرىم ماۋرىتىئۇسقا قىلغان دوستانە زىيارىتىم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، نەتىجىسى مول، ئەھمىيىتى زور بولدى، بۇ، جۇڭگو – ماۋرىتىئۇس دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى جەزمەن مۇستەھكەملەيدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ. جاگنات رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماۋرىتىئۇسقا قىلغان زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ماۋرىتىئۇسقا ياردەم ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.