تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سىغدۇرۇشچان بولۇشتا، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتايلى

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا ـ سانائەت مۇنبىرىدە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى توغرىسىدا(4)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خەلققە بەخت يارىتىش. ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىگەندە، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.

   ‹‹سىغدۇرۇشچان بولۇشتا، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتايلى››. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرقى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ كونكرېت يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.

   بۈگۈنكى دۇنيا ماددىي تېخنىكا سەۋىيەسى تەرەققىي قىلىپ قەدىمقىلار تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىگە يەتتى، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس بولۇپ قالدى. بىر تەرەپتىن، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جەنۇب – شىمال پەرقى يەنىلا ناھايىتى گەۋدىلىك. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەرەققىيات پەرقى مەۋجۇت. خىرىس ئالدىدا ئەگەر سەن يېڭىلدىڭ، مەن يەڭدىم دەيدىغان، يەڭگۈچى ھەممىگە ئىگە بولىدىغان كونا لوگىكىنى يولغا قويغاندا، ئەگەر بىر – بىرىنى ئالدايدىغان، قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان كونا چارىنى قوللانغاندا، ئاقىۋەتتە، مۇقەررەر ھالدا باشقىلارنىڭ ئىشىكىنى ئېتىپ قويۇپلا قالماي، ئۆزىمىزنىڭ يولىنىمۇ توسۇپ قويىمىز، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات ئاساسىمىز يىمىرىلىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە زىيان يېتىدۇ. ئىدىيە جەھەتتە ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يۆنىلىش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈم جەھەتتە ئادىل، ئورتاق پايدا ئېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا ياخشى شارائىت ياراتقاندىلا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلغىلى، ھەممە كىشىنى باياشاتلىق، خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ.

   قانداق قىلغاندا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ 2015 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان 2030 – يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەۋقەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا قويۇپ، 2030 – يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ‹‹پارىژ كېلىشىمى››نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك؛ خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، بىز تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق يارىتىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

   كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى بەرپا قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش يولىدا مېڭىشتەك توغرا يۆنىلىشنى ئورتاق بېكىتتى. رەئىس شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىنىڭ كەڭ دائىرىلىك يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: شيامېن ئۇچرىشىشىدا ‹‹كېسەك ئالتۇن +›› ھەمكارلىق ئىدىيەسى تۇرغۇزۇلدى، ئۇنىڭ مۇھىم مەزمۇنى  بەش دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق يادروسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇننىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ‹‹دوستلار چەمبىرىكى››نى سىجىل كېڭەيتىپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

   بۇ قېتىمقى جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىدا شيامېن ئۇچرىشىشى ھەمكارلىق ئەندىزىسى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەت سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىنىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچەيتىلدى. ‹‹كېسەك ئالتۇن +›› ئارقىلىق ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقىنى تىرىشىپ جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىن نەزەر سالساق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ‹‹كېسەك ئالتۇن +›› ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، كەڭ دائىرىدىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولساقلا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز.

   ئېچىۋېتىش بولغاندىلا تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ، سىغدۇرۇشچان بولغاندىلا سىجىل تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. سىغدۇرۇشچان بولۇشتا، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹كېسەك ئالتۇن +›› ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دوستلىرىنى بارغانسېرى كۆپەيتىپ، كۆپچىلىك قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلساقلا، چوقۇم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلغىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى