تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ رەڭدار سەھىپىسىنى پۈتۈش

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقىدىكى بەش دۆلەتنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن خاتىرە

شىنخۇ ائاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خو شياۋگۇاڭ، خاۋ ۋېيۋېي

   ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۈزلىنىپ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى دىپلوماتىيە سەپىرىنى باشلىدى.

   ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى بولۇپ كەلدى. 2013 – يىلى 3 – ئايدا، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىدە ئوخشاشلا ئافرىقىنى نىشان قىلغانىدى.

   شۇ قېتىمدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن، ئافرىقىغا قارىتىلغان راستچىل، سەمىمىي سىياسەت قارىشى ۋە توغرا ھەققانىيەت – مەنپەئەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
         
   بۇ قېتىم، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن غەربىي ئافرىقىنىڭ بۇرجىكىدىكى سېنېگالغىچە، ئافرىقا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى رىۋاندادىن ھىندى ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكيان ئوراپ تۇرغان جەنۇبىي ئافرىقىغىچە، يەنە شەرقىي ئافرىقىدىكى ئارال دۆلەت ماۋرىتىئۇسقىچە باردى.

   تاغلار ۋە قۇملۇقلاردىن ھالقىپ، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئىككى قىتئەنى ھالقىپ ئۆتتى. 7 – ئاينىڭ 19 – كۈنىدىن 29 – كۈنىگىچە بولغان 11 كۈندە بەش دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، 50 مەيدانغا يېقىن پائالىيەتكە قاتناشتى، جەمئىي 45 سائەت ئۇچۇپ، 36 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى باستى.

   ئورتاق ئارزۇ – ئارمان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ  ئىلگىرىلەش ھەمكارلىق رىشتىنى چىڭىتتى؛ ئەمەلىي ھەرىكەت ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات ھېكايىسىنى پۈتتى؛ بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىتتىپاقلىق، تىرىشچانلىققا تۈرتكە بولدى.

   ئۆزئارا ھېسسىيات تۇتاشتى: ھەممەيلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلاشتى  

   بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقى سالاھىيىتىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئىككىنچى قېتىم، ئافرىقا زېمىنىغا تۆتىنچى قېتىم قەدەم بېسىشى ھېسابلىنىدۇ.

   قىزغىنلىققا، شادلىققا چۆمگەن كۆرۈنۈشنى ھەممە جايدا كۆرگىلى بولاتتى، كۆڭۈل قويۇپ، ئەتراپلىق كۈتۈۋېلىش پۈتۈن مۇساپىگە سىڭگەنىدى.

   ‹‹قۇملۇق گۈلى›› ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ‹‹جۇڭگو قىزىلى›› مەۋج ئۇردى. پايتەخت ئەبۇزەبى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق چوڭ كوچىلارغا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېسىلدى، نۇرغۇن بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلەردە نەچچە كۈنگىچە جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەڭلىك چىراغلار يورۇپ تۇردى. 12 كۈرەشچى ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا قوغداپ ئۇچتى، 12 ھۆرمەت قاراۋۇلى ئاتلىق قوغدىدى، ھاۋا بوشلۇقى چەۋەندازلار ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى كۆك ئاسماندا جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىغا سىمۋول قىلىنغان قىزىل، سېرىق رەڭلىك بەلباغ شەكىللەندۈردى. ھەتتا شۇ جايدىكى تېلېگراف تىجارىتى سودىگەرلىرىمۇ يان تېلېفون سېگنالىنىڭ ئىسمىنى ‹‹جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىنى قارشى ئالىمىز›› (WelcomePresChina)دەپ ئۆزگەرتتى. رەئىس شى جىنپىڭ يېتىپ بارغان كۈنى كەچتە رەڭدار ساليوتلار ئەبۇزەبى دېڭىز قىرغىقىنى يورۇتۇپ، ئېگىز بىنالاردا ‹‹قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن زور لوزۇنكا تەسۋىرى چاقنىدى.

   ‹‹مېھماندوست دۆلەت›› سېنېگال ‹‹جۇڭگونى سۆيىمەن››، ‹‹شى رەئىسكە رەھمەت›› دېگەن قويۇق دوستلۇق ھېسسىياتىغا چۆمگەنىدى. زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە تۇتىشىدىغان جۇمھۇرىيەت كوچىسىدا 58 ئاتلىق ئەسكەر ئۈستىگە شەلپەر يېپىپ، كۈتۈۋېلىشنى مۇھاپىزەت قىلدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئالقىشلاپ تەنتەنە قىلدى. لەپىلدەپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى، رەڭگارەڭ كىيىملەر، تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايلار، مىننەتدارلىق ۋە بەخت تىلەش لوزۇنكىلىرى داكار كوچىلىرىدىكى ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇرغان سۇمۇرغ گۈلى دەرەخلىرىگە ئوخشايتتى.

   ‹‹مىڭ تۆپىلىك دۆلەت›› رىۋاندادا قىزغىن كەيپىيات كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇۋەتكەنىدى. زۇڭتۇڭ كاگامې ۋە رەپىقىسى جانېت ئايروپورتقا چىقىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى. تۇنجى بولۇپ زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، زۇڭتۇڭ كاگامې ئەزىز مېھمانلارنى ئايروپورتنىڭ ئەزىز مېھمانلار خانىسىگە تەكلىپ قىلىپ، قىزغىن پاراڭلاشتى. پارات كىيىملىرىنى كىيگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى، سەبىي ئۆسمۈرلەر، خۇشاللىق بىلەن چېلىنىۋاتقان ئافرىقا دۇمبىقى، شوخ ئوينىلىۋاتقان مىللىيچە ئۇسسۇل، ئېگىز – پەس تۆپىلىكلەردىكى ھەممە ئۆيلەردىن چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرلىرى... كىگالىنىڭ كېچە مەنزىرىسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېلىشى بىلەن باشقىچە جانلىنىپ كەتكەنىدى.

   ‹‹ھەسەن – ھۈسەن دۆلىتى›› جەنۇبىي ئافرىقا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ قېتىمقى زىيارەتنى ‹‹ئەڭ ياخشى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى›› قىلىپ ئۆتكۈزۈش ۋەدىسىنى نەقلەشتۈردى. بۇ، زۇڭتۇڭ رامافۇسا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن كۈتۈۋالغان تۇنجى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى، شۇنداقلا بۇ ئۇنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى. گەرچە كېسەك ئالتۇن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا ساھىبخاننىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولسىمۇ، زۇڭتۇڭ رامافۇسا پۈتۈن بىر كۈن رەئىس شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولدى. ھەر قېتىملىق سۆھبەت ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدىن ئىلگىرىكى، مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى ئارا ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

   ‹‹ھىندى ئوكياندىكى مەرۋايىت›› ماۋرىتىئۇستا زۇڭلى جاگنات بارلىق ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنى باشلاپ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى، زۇڭلىنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى. زۇڭلى جاگنات رەئىس شى جىنپىڭنى ئۆز ئۆيىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆرۈشۈش پائالىيىتى، قارشى ئېلىش زىياپىتىنى شى جىنپىڭ چۈشكەن مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى...

   ۋەزىنلىك ئىككى ئوردېن بۇ چىن دوستلۇققا گۇۋاھچى بولدى.

   زاھېد ئوردېنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ‹‹دۆلەت ئاتىسى›› نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى. ۋەلىئەھدى مۇھەممەد رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەيدىسىگە ئوردېننى كۆڭۈل قويۇپ تاقاپ قويدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشقان ئالاھىدە تۆھپىسىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

   دۆلەت ئەركەك شىر تۆھپە ئوردېنى ئۆمىكىنىڭ چوڭ كىرېست ئوردېنى  سېنېگال دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى. زۇڭتۇڭ سال رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: سېنېگال رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى غەربىي ئافرىقا دۆلىتى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ، بىز ئوردېننى چوقۇم ‹‹بۇ دوستانە دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن داھىيسى››غا بېرىمىز.

   يىراقتىن دوستىمىز كەلسە ناھايىتى خۇشال بولىمىز. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا زېمىنىدا كۈچلۈك ‹‹جۇڭگو قىزغىنلىقى›› قوزغىدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇق كۈنسېرى يېڭىلاندى.

   كۆڭۈللەر تۇتاشتى: قاراش ئېتىراپ قىلىنىپ، سېھرىي كۈچ ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىلدى

   بۇ دۆلەتلەر زىيارەتكە كەلگەن رەئىس شى جىنپىڭنى نېمىشقا بۇنداق كاتتا كۈتۈۋالىدۇ؟ ئۇلارنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟

   بۇ يىلنىڭ بېشىدا پۈتكەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئاساسىي بىناسى ھەشەمەتلىك، ھەيۋەتلىك، كاتتا ئىدى. ئەبۇزەبى خەلىپىلىكىنىڭ ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بۇرۇنلا جۇڭگو تەرەپكە رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەتكە كەلگەندە ئەرەبچە نەشردىكى ئىككى پارچە ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› دېگەن كىتابنى ئالغاچ كېلىپ ئىمزا قويۇپ سوۋغا قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغانىدى. كىتابنىڭ بىر پارچىسىنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى كۇتۇپخانىسىدا ساقلايدىغانلىقىنى، يەنە بىر پارچىسىنى ئۆزى ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.  

   ۋەلىئەھدى مۇھەممەد مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلىگەنلىك شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەنلىك بولۇپ، بۇ، ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى كۆرسەتمە ۋە ئۆلچەم بولۇشى كېرەك.

   رەئىس شى جىنپىڭ ئەبۇزەبىگە يېتىپ بارغان كۈنى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ‹‹فېدېراتسىيە گېزىتى›› ‹‹مۇھىم زىيارەت، ئەڭ قىزغىن قارشى ئېلىش›› سەرلەۋھىلىك باش ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي قابىللارنىڭ يېڭىچە نەزەر دائىرىسىنى ئاچتى، ئۇلار ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› دېگەن بۇ كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئۆزگىچە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشى، قانداق قىلغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشى كېرەك.

   زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئورناتتى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى دوستلاردىن، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

   سېنېگال زۇڭتۇڭى سال رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ پەلسەپەسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، ياش ۋاقتىمدا رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئەسەرلىرى ۋە كۇڭزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ نۇرغۇن پايدىلىق ئەقىل – پاراسەت قوبۇل قىلغانىدىم. ھازىر مەن يەنە سىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئىدىيەڭىزنى ئۆگەندىم.

  رەئىس شى جىنپىڭ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ئافرىقا خەلقى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ، گۈزەل تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئافرىقىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

   رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان داھى، ئۇ جۇڭگو ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى ھەرقايسى ساھەدە يېپيېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە كۈچىدى.

   جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۆجىزىلىرىدىن بۇ دۆلەتلەر مىللىي گۈللىنىشنىڭ يېڭى ئۈمىدىنى كۆردى. سېنېگال زۇڭتۇڭى سال ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل جۇڭگونى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە قىلدى. جۇڭگو خەلقى ئىشچان، باتۇر، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، بۇنىڭدىن بىز تەرەققىي قىلماسلىقنىڭ تەقدىرىمىزگە پۈتۈلگەن ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق.

   جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەقىل – پاراسىتىدىن بۇ دۆلەتلەر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى ئىلھامىغا ئىگە بولدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا تەشەببۇسكار ھالدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى تەجرىبىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى ھەم جۇڭگودىن جەنۇبىي ئافرىقىغا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋەكىل ئەۋەتىشنى سەمىمىي تەكلىپ قىلدى. رىۋاندا ئوخشاشلا ‹‹ئۆسۈپ يېتىلىش باش قېتىنچىلىقى››غا دۇچ كەلگەن بولۇپ، زۇڭتۇڭ كاگامې جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش تەجرىبىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى. ‹‹چىرىكلىك جەمئىيەتتىكى زەھەرلىك ئۆسمە››، ‹‹تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇش››، ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىق›› ... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ نەقىل سۆزلىرى ئۇنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى.

   جۇڭگونىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىدىن بۇ دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇۋالدى. 2015 – يىلىدىكى جۇڭگو سەپىرىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى ھېس قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى – جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يېتىپ، ‹‹شەرققە قاراش›› تاللىشىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە، ۋەلىئەھدى مۇھەممەد رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: قېرىندىشىمىز جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى، ئىستراتېگىيەلىك، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشتىن – ئاخىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.

   ئارزۇلار تۇتاشتى: ئەمەلىي ھەمكارلىشىش، قول تۇتۇشۇپ گۈللىنىش

   ئۆزئارا يېقىن كېلىدىغان تارىخىي قىسمەت، ئوخشاش تەرەققىيات ۋەزىپىسى، ماس گۈزەل ئارزۇ.

   دۇنيا قايسى يولنى تاللاشتىن ئىبارەت تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قانداق قىلغاندا قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدۇ؟

    بۇ، 11 كۈنلۈك سەپەر جەريانىدىكى بىر كۆرۈنۈش.

   بىپايان ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى شەرقتىن غەربكە تۆت ۋاقىت رايونىدىن ھالقىيدۇ. 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، توققۇز يېرىم سائەت ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ، داكار ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. يەنە توختىماي ئىككى سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلدى. سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ئىمزا قويۇشقا گۇۋاھچى بولۇش، ئوردېن تارقىتىش، مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىش... بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ كەلگەن پائالىيەتلەر تۈپەيلىدىن ۋاقىت ئارقىغا سۈرۈلۈۋەردى، مېھمانسارايغا بارغاندا يېرىم كېچە بولغانىدى.

   بۇنداق كۆرۈنۈشلەر 11 كۈنلۈك ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا سەپىرىدە قايتا – قايتا تەكرارلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ يول بويى چارچىغان بولسىمۇ، ھەر بىر مىنۇت، سېكۇنتنى قەدىرلەپ، نۇرغۇن جاپالىق ئەمگەك ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەتلەرنى جاكارلاپ، ھەمكارلىققا تۈرتكە بولدى.

   بۇ بىر قېتىملىق مول نەتىجىلىك سەپەر بولدى.

   ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش زىيارەت مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىندى.

   ئەرەب دۆلەتلىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ كېسىشىش بەلبېغىغا جايلاشقان، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ تەبىئىي ئۇزارتىلىشى بولۇپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو – ئافرىقىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

   رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال، رىۋاندا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىشىغا گۇۋاھچى بولدى.

   جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، يەنىمۇ ئەمەلىي بولۇپ، پۇل مۇئامىلە، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى؛ سېنېگال جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغان غەربىي ئافرىقا دۆلىتى بولۇپ قالدى؛ رىۋاندا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىغا ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋەتتى؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى ئافرىقا بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشتىكى ئالدىن يولغا قويىدىغان، ئالدىن سىناق قىلىدىغان ئۈلگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جۇڭگو بىلەن مەبلەغ سېلىش، پەن تەتقىقات، گۈللىنىۋاتقان كەسىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يېڭى تەدبىرلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

   ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد مۇنداق قارىدى: بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو دۇنياغا باشلامچىلىق قىلىپ يىپەك يولىنى قايتا ئاچماقتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىقىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. زۇڭتۇڭ كاگامې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رىۋاندا ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش رىۋانداغا تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

   بۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدىغان يېڭىلىق يارىتىش سەپىرى.

   يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە سانائەت ئۆزگىرىشى كۈچ توپلىماقتا، قانداق قىلغاندا بۇ زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟

   7– ئاينىڭ 24 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا پەن ۋە سانائەت تەتقىقات كېڭىشى خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە زالى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ رامافۇسا بىلەن بىللە جۇڭگو – جەنۇبىي ئافرىقا پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

   ھەر بىر پارچە سۈرەت، ھەر بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دىققەت – نەزەرىنى تارتتى. جۇڭگونىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ رامافۇساغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئارىلاپ تونۇشتۇردى.

   ‹‹جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئومۇمىي مۇساپىسى 25 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىدى››، ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى شالغۇت شالنىڭ مو بېشى ھوسۇلى بىر توننىغا يەتتى››... رەئىس شى جىنپىڭ ھەممىنى بەش قولدەك بىلەتتى، زۇڭتۇڭ رامافۇسا ئارقا – ئارقىدىن قايىللىقىنى بىلدۈردى.

   جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىلىك رادىيوتېلېسكوپ تۈرى توغرىسىدىكى سىن كۆرۈنۈشى ۋە سۈرەتلىرى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تونۇشتۇرۇشنى زەن قويۇپ ئاڭلىدى ھەم جۇڭگونىڭ پەن – تېخنىكا خادىملىرىغا ‹‹جۇڭگو ئەرش كۆزى››نىڭ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى.

   جەنۇبىي ئافرىقا رادىيوتېلېسكوپىدىن تارتىلغان سامانيولى سىستېمىسى مەركىزىي رايونىنىڭ سۈرىتى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ خۇشاللىق بىلەن تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، زۇڭتۇڭ رامافۇسا بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.  

   ‹‹بىز ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش يېڭى سۇپىسىنى پائال قۇرۇپ، ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياش ئالىملارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك...›› ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو – جەنۇبىي ئافرىقا ئالىملىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىلغان تەبرىك سۆزى ھەم ۋەزىيەتنى ئىگىلىگەن، ھەم كونكرېت ۋە ئەمەلىي بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ئالىملارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

   ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئوخشاشلا كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ رامافۇسا يەنە سىن لىنىيەسى ئارقىلىق، بېيجىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زاۋۇتىدىكى تۇنجى ئاپتوموبىلنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش مۇراسىمىغا گۇۋاھچى بولدى.

   2015– يىلىنىڭ ئاخىرى جەنۇبىي ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغاندا، ئىمىزالىنىشىغا گۇۋاھچى بولغان جۇڭگو – جەنۇبىي ئافرىقا ھەمكارلىق تۈرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتكەنلىكىنى كۆرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن ياسىمىچىلىقتىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەمىمىي ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

   زۇڭتۇڭ رامافۇسا ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىز بۇ ئاپتوموبىللارنى پۈتۈن ئافرىقىدا ساتىمىز.

   بۇ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن بىر قېتىملىق ئۈمىد سەپىرى.

   بۇ، جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ رىۋاندادا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ كاگامې بىلەن بۇلتۇر بېيجىڭدا كۆرۈشكەن چاغدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹بىز شۇ قېتىم ناھايىتى ئىچكىرىلەپ ياخشى سۆھبەتلەشكەنىدۇق. سىز مېنى رىۋاندادا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغاندا، مەن ئافرىقىغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە بارغاندا،  دۆلىتىڭلارنى زىيارەت قىلىمەن دېگەنىدىم، شۇڭا بۇ قېتىم كېلىشكىنىمىز بويىچە كەلدىم››. سۆھبەتكە قاتناشقان رىۋاندا ئەمەلدارلىرى قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

   يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقتتىن كېيىن، كاگامې رىۋاندا زۇڭتۇڭى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسىدىن ئىبارەت قوش سالاھىيىتى بىلەن، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

   رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئافرىقا زىيارىتى جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. زىيارەتكە بارغانلىكى جايدا، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھاياجانلىق ئىلكىدە تەقەززا بولۇشتى.

   زۇڭتۇڭ سال مۇنداق دېدى: جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى 18 يىلنى باشتىن كەچۈردى، ئۇ، جۇڭگو – ئافرىقا كوللېكتىپ سۆھبىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى سۇپىسى، سېنېگال بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

   زۇڭتۇڭ رامافۇسا شۇ چاغدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىللە بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو بىلەن زىچ ماسلىشىپ، بۇ مۇھىم پائالىيەتنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ، زۇڭتۇڭ رامافۇسانىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

   دۇنيانىڭ دىققەت – نەزەرى جۇڭگو – ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىسى، يېڭى كەلگۈسىگە مۇجەسسەملەندى.

   قەلبلەر تۇتاشتى: سەمىمىي مۇئامىلە قىلىنىپ، دوستلۇق ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى

   ئىككى يىل ئىلگىرى، بۇ يەر تېخى بىر پارچە سازلىق ئىدى. جۇڭگو – سېنېگال ئىككى دۆلەت قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ نەچچە يۈز كېچە – كۈندۈز مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، 20 مىڭ كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە، قۇرۇلۇش كۆلىمى 18 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئافرىقىدىكى تۇنجى زامانىۋى چېلىشىش مەيدانى سېلىندى.

   7– ئاينىڭ 22 – كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ داكار شەھىرى ئەتراپىغا كېلىپ، زۇڭتۇڭ سال بىلەن بىرلىكتە سېنېگال ماھارەت كۆرسىتىپ چېلىشىش مەيدانى تۈرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

   ماھارەت كۆرسىتىپ چېلىشىش سېنېگالنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھىرى. مەخسۇس ماھارەت كۆرسىتىپ چېلىشىش مەيدانى سېلىش سېنېگاللىقلارنىڭ ئارزۇسى ئىدى. 2014 – يىل 2 – ئايدا، زۇڭتۇڭ سال جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۈر ئىمزالاش ۋە ھۆججەت ئالماشتۇرۇشقا گۇۋاھچى بولغانىدى.

   خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەلگەن 1000دىن ئارتۇق يەرلىك ئامما ياخشى كۆرىدىغان ياغاچ دۇمبىقىنى ئېلىپ، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

   ياڭراق، شوخ دۇمباق رىتىمى سېنېگال خەلقىنىڭ قەلبىدىكى مىننەتدارلىق ۋە شادلىقنى ئىپادىلەپ، جۇڭگو – سېنېگال دوستلۇقىنىڭ دەۋر رىتىمىنى نامايان قىلدى.

   رەئىس شى جىنپىڭ تۈرنىڭ ‹‹ئالتۇن ئاچقۇچى››نى زۇڭتۇڭ سالغا تاپشۇرۇپ بەرگەندە، پۈتۈن مەيدان قاينام – تاشقىنلىققا تولدى. ئالقىش سادالىرى، دۇمباق سادالىرى، تەنتەنە سادالىرى توختىماي ياڭراپ، يەر – جاھاننى زىلزىلىگە سالدى.

   جۇڭگو بىلەن سېنېگالنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ‹‹ئالتۇن ئاچقۇچ›› ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان سېنېگال تەرەپ ۋەكىللەر ئارىسىدا قولدىن – قولغا ئۆتتى، ھەر بىر كىشى جۇڭگو – سېنېگال دوستلۇقىنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلىپ، ئارزۇنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىش شادلىقىدىن بەھرىلەندى.

   دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق.

   يېزا – كەنتلەردىكى قۇدۇق، سۈنئىي ھەمراھ ئانتېناسى، دوختۇرخانا، مەكتەپ، تەنھەرىكەت مەيدانى قاتارلىق پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلانغان ئەلرايى قۇرۇلۇشلىرى يىراقتىكى جۇڭگونى تېخىمۇ قەدىرلىك، يېقىملىق كۆرسەتتى، جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇقى دەرىخىنى تېخىمۇ ياشناتتى.

   ئەل ئارىسىغا بېرىش، ئەل قەلبىگە سىڭىش. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن مول مەزمۇنلۇق زىيارەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. رىۋاندادا، ئۇ فاۋې قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىكا تەجرىبىسىنى كۆرۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئىلھاملاندۇردى. جەنۇبىي ئافرىقىدا، ئۇ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ‹‹مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق››تىن ئىبارەت مائارىپ قارىشىدىن بەھرىمەن بولدى؛ ئۇتاندو مەھەللە يەسلىسىدە، بالىلارنىڭ ‹‹غازغا مەدھىيە›› ناملىق دىكلاماتسىيەسىنى ئاڭلىدى.

   7– ئاينىڭ 20 – كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولغان ئىككىنچى كۈنى، جۇڭگو – ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ كۆرۈشۈش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ۋەلىئەھدى مۇھەممەد جىيەن قىزىنى مۇراسىمغا ئەرەب ۋە جۇڭگو تىلىدا رىياسەتچىلىك قىلىشقا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇردى. 19 ياشلىق بۇ قىز كىچىكىدىن تارتىپلا ئەبۇزەبىدىكى تۇنجى جۇڭگو تىلى مەكتىپىدە جۇڭگو تىلى ئۆگەنگەنىدى.

   ‹‹جۇڭگو تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى›› ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خان جەمەتىگە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شەھەر ۋە يېزا – كەنتلىرىگىچە تارقالدى. رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ۋەلىئەھدى مۇھەممەد پۈتۈن مەملىكەتتىكى جۇڭگو تىلى دەرسلىكى تەسىس قىلىنىدىغان مەكتەپنىڭ ئەسلىي پىلاندىكى 100دىن 200گە كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
                                           
  بۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئەۋج ئالغان ھۆججەتلىك فىلىم ‹‹سېنى قارشى ئالىمىز، جۇڭگو››، بۇ سېنېگال دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالتۇن ۋاقىت بۆلىكىدە قويۇلغان جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹جىن تەيلاڭنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى››، بۇ ئاجايىپ رەڭدار جۇڭگو كىتاب كۆرگەزمىسى، جۇڭگو مەدەنىيەت ھەپتىلىكى، جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكى...

   زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەرەب خەلقى، ئافرىقا خەلقى بىلەن قەلبداش بولغان، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىگەن تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى سۆزلىدى.

   بۇ، ۋېنچۈەندە قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى 50 مىليون دوللار ئىئانە قىلغاندا ئىپادىلەنگەن قىيىن كۈنلەردىكى ھەقىقىي دوستلۇق، جۇڭگولۇق يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سېنېگاللىق قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە شال ۋە كۆكتات تېرىقچىلىقى تېخنىكىسى توغرىسىدا ئىزدىنىش داۋامىدىكى ئەمگەكتىن شەكىللەنگەن دوستلۇق. رەئىس شى جىنپىڭ رىۋاندانىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ‹‹ئۇمۇگاندا›› مەدەنىيىتىنى تەرىپلىدى ۋە سېنېگالدىكى ۋولوفلارنىڭ ‹‹ھەربىر كىشى باشقىلارغا تەسەللى بەرگۈچىدۇر›› دېگەن ماقال – تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى قەلب ئەھدىنى ئىپادىلىدى.

   جۇڭگو دۇنياغا يۈزلەندى، دۇنيا نەزەرىنى جۇڭگوغا قاراتتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدى: ھەربىر قېتىملىق تېلېفون ئالاقىسى، ھەربىر پوچتا يوللانمىسى، ھەربىر قېتىملىق قول ئېلىشىش ئارقىلىق بىر ئۈلۈش چۈشىنىش كۆپەيدى، خەلق دوستلۇقىنىڭ ئېقىنلىرىدىن دەريا ۋە دېڭىز – ئوكيان شەكىللەندى.

   ھەققانىيلىق يۇغۇرۇلدى: ئۇلۇغ غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلدى، تەقدىرىمىز چىڭ باغلاندى

   ۋاقىت دۇربۇنى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

   سودا كېمىلىرى مېڭىپ تۇرىدىغان، سودىگەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان قەدىمىي يىپەك يولىدا، ئۆزئارا ھەمدەم بولدۇق، سىرداش دوستلارغا ئايلاندۇق؛ مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان يىللاردا، جاپا – مۇشەققەتتە، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولدۇق؛ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان گۈللىنىش يولىدا ئۆزئارا قوللاپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالدۇق.

   جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور؛ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەرەب دۇنياسىنىڭ تەرەققىيات بوستانلىقى؛ ئافرىقا خۇددى چېپىپ كېتىۋاتقان ئەركەك شىرغا ئوخشاش ئارزۇ – ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولغان يېڭى دەۋرگە كىردى.

   رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېيتقىنىدەك: بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى تەبىئىي ئىتتىپاقدىشى.

   رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا سەپىرى  دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەيدىغان، چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم ھەرىكەت، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان بىۋاسىتە ئەمەلىيەت.

   ‹‹جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرىدىغان تەقدىر ئورتاق گەدىسىنى بەرپا قىلايلى››، ‹‹جۇڭگو بىلەن ئافرىقا باشتىن – ئاخىر سەمىمىي –  دوستانە ئۆتىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى››... ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىسىگە ئايلاندى.

   بۇلار سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تەرەققىياتتا ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، قاراشتا ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار، ياخشى قېرىنداشلار.

   رەئىس شى جىنپىڭ رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى قىلدى: ‹‹بۈگۈن ئەتىگەن مېھمانسارايدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە باردىم، يول قىسقا بولسىمۇ، بىراق كۆرگەنلىرىمدىن ھەممىنى ھېس قىلدىم. كىگالىنىڭ كوچىلىرى پاكىز، رەتلىك، قارشى ئېلىۋاتقان ئامما قىزغىن، ئەدەپلىك ئىكەن، بۇ زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاياغنىڭ پۇتقا توغرا كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى پەقەت كىيىپ كۆرگەندىلا بىلىسىز.›› سۆز ئاخىرلاشمايلا، نەق مەيداندىكى رىۋاندا ئەمەلدارلىرى قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

   جۇڭگو قەتئىيلىك بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە سەمىمىي ھەمراھى بولىدۇ.

   ‹‹قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى تاللىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللاش كېرەك، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ – چوڭ مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاش كېرەك.›› رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە، بۇ مەيدانىنى كۆپ قېتىم شەرھلىدى.

   زۇڭتۇڭ كاگامې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنياۋى چوڭ دۆلەت، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى داھىي بولسىمۇ، بىراق رىۋاندادەك تارىختا ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان كىچىك دۆلەتكە يەنىلا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، رىۋاندانىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى. بۇ دۇنيا ئىشلىرىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىش بولۇپ، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر.

   زۇڭتۇڭ سال مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقىدىكى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشتى، غەربىي ئافرىقىدا ئېبولا يۇقۇمى يۈز بەرگەندە، قىممەتلىك ياردىمىنى ئايىمىدى، سېنېگال جۇڭگونىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئالقىشلايدۇ.

   بۇلار تەرەققىيات يولىدىكى سەمىمىي ھەمراھلار، خەلقئارا ئىشلارغا قاتنىشىشتىكى تەبىئىي ئىتتىپاقداشلار.

   دۇنيا ۋەزىيىتى ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، قالايمىقانچىلىقلارمۇ كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ. 100 يىلدىن بۇيانقى مىسلىسىز زور ئۆزگىرىش ئالدىدا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قانداق قىلغاندا  ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز تەرەققىيات بوشلۇقىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولالايدۇ؟

   ‹‹كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇشنىڭ ياڭراق ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق قۇرايلى››، ‹‹كۆپ تەرەپلىمىلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولايلى››...

   زۇڭتۇڭ رامافۇسا رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: نۇتقىڭىزنى ئاڭلىدىم، مېنىڭچە، بۇ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، ئوچۇق تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم سۆز. جەنۇبىي ئافرىقا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە جۇڭگو بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، بىر تەرەپلىمىلىككە قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

   زۇڭتۇڭ سال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئافرىقىنىڭ تەبىئىي ئىتتىپاقداش دوستى، ئافرىقىمۇ جۇڭگونىڭ تەبىئىي ئىتتىپاقداش دوستىغا ئايلىنىشى كېرەك. سېنېگال كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوللايدۇ، تىنچ خەلقئارا مۇناسىۋەتنى قوللايدۇ، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئادىل خەلقئارا سىستېمىنى قوللايدۇ.

   دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا سەپىرىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭقۇر. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش شانلىق سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تېلېگراممىسى)


 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.