تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلايلى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىدە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى توغرىسىدا(2)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى


    بېكىنمىچىلىكتە چىقىش يولى يوق، ئېچىۋەتكەندىلا تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.
    جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، دۇنيا چوڭ ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىنى نەزەردە تۇتۇپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن ئون يىل››ىدا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو تەشەببۇسى››نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بىرىنچى نۇقتىدىلا ‹‹ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىش››نى تەكىتلىدى. بۇ مۇھىم سۆز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇشى، يېڭى بۇرچنى تاماملىشىنىڭ گۈزەل پىلانىنى سۈرەتلەپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
    ئوچۇق ھەمكارلىق  پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتى. دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان، ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان، مەدەنىيەت كۆپ خىللىشىۋاتقان، جەمئىيەت ئۇچۇرلىشىۋاتقان دەۋر ئېقىمىدا، ھەر قانداق دۆلەت ئىشىكنى تاقىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلالمايدۇ. تارىخىي تەرەققىياتتىن قارىغاندا، ئىنسانلار ئاللىقاچان ئۆزئارا سىڭىشكەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى، مەنپەئىتى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلدى، بىر-بىرىگە تايىنىپ ياشايدىغان بولدى. ھەر بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەممەيلەن ئۆز مەنپەئىتىنى تېخىمۇ كەڭ قاتلامدىن ئويلىشىشى كېرەك، ئۆز تەرەققىياتىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش بەدىلىگە ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «سودا ئۇرۇشى قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئۇرۇشتا يەڭگۈچى تەرەپ بولمايدۇ. ئىقتىساد زومىگەرلىكى قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق بولىدۇ». بۇ مۇھىم ھۆكۈم يىغىنغا قاتناشقان زاتلارنى كۈچلۈك ئورتاق ساداغا ئىگە قىلدى، كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرۇشنى ئويلاش  كۆز ئالدىنىلا كۆرگەنلىكتۇر، بىر تەرەپلىمىلىك، سودا ئۇرۇشى دۇنيا ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.
    دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتقان ۋە ئۆزگىرىۋاتقان پەيتتە، پەقەت ئېچىۋەتكەندىلا ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئۆزئارا نەپكە ئېرىشەلەيدۇ، ئورتاق گۈللىنەلەيدۇ، ئۇزاق مەزگىل تەرەققىي قىلالايدۇ، بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاقىلانە تاللىشىدۇر. رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكەندەك: دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ دېڭىز خالىساقمۇ، خالىمىساقمۇ ئۇ يەنىلا مەۋجۇت، ئۆزىمىزنى چەتكە ئالالمايمىز. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ مەبلەغ ئېقىنى، تېخنىكا ئېقىنى، مەھسۇلات ئېقىنى، كەسىپلەر ئېقىنى، خادىملار ئېقىنىنى قەستەن ئۈزۈپ تاشلاپ، دۇنيا ئىقتىساد دېڭىزىنى يېگانە كىچىك كۆل، كىچىك ئېقىن ھالىتىگە قايتۇرۇۋېتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، شۇنداقلا تارىخ ئېقىمىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. پەقەت ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قەتئىي ئېغىشماي راۋاجلاندۇرۇپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇرسەت ۋە مەنپەئەتتىن بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالغاندىلا، دۇنيا ئىقتىسادىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا يېتەكلەپ، سىغدۇرۇشچان ئېشىش ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى بىرىنچى ئون يىلدا ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ راۋاجلىنىپ، يارقىن نۇقتىلارنى نامايان قىلدى. بەش دۆلەت ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت كېسەك ئالتۇن روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بەش دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، مەنپەئەت ۋە ھېسسىيات رىشتىسىنى چىڭىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىشىشى، ئەسلىگە كېلىشى ھەم ئېشىش يولىغا قايتىشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قەتئىي قۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا بىر تەرەپلىمىلىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئورتاق يېتەكلىشى كېرەك؛ ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنى خەلقئارا كەسىپلەر ئىش تەقسىماتىغا ئۈنۈملۈك قاتناشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرگەندىلا، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بۇرچىنى تاماملىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.
    ئېچىۋەتكەندىلا تەرەققىيات بولىدۇ، سىغدۇرۇشچان بولغاندىلا تەرەققىيات ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولغاندىلا، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلالايمىز، خەلقنى تېخىمۇ بەختكە ئېرىشتۈرەلەيمىز. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى