تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورى


    خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، تۈرلۈك ۋەزىپىلەر پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇشتەك تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن، ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، پەن قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېتىشتۈرۈش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئەلرايىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى›› ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشىدۇر.
    پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، شىنجاڭنىڭ داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تارىخىي ئىجادىيەت. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، كۆپ قېتىم نەق مەيدان يىغىنى، ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى قوللايدىغان، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى مۇھىتنى تىرىشىپ ياراتتى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق مەركەزدىكى مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ياردەمگە ئېرىشكەن ئىككى تەرەپنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، قويۇق ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى، يېڭى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۇنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلاش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى›› ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.
    داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيدىغان سىياسىي قۇرۇلۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەم ماددىي بۇيۇم ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، ھەم ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، ھەم «قان بېرىپ»، ھەم «قان ئىشلەپچىقىرىپ»، ھەم ھازىر، ھەم كەلگۈسىنى كۆزلەپ، داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىلارنىڭ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا پارتىيەنىڭ شەپقىتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ۋە ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىكى ئەڭ بىۋاسىتە ۋاسىتىگە ئايلاندى.
    دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇش كېرەك. دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچلۈك سەپلەپ، ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىلارغا قىسقا، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىل ياردەم بېرىش يىرىك پىلان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۇستازلارنىڭ شاگىرتلارنى يېتەكلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تايانچلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەلگە قارىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جاينىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئېھتىياجى ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان نۇقتىلىق بۆلۈم-ئىشخانا ۋە خاس بۆلۈملەرنى بەرپا قىلىش؛ يىراقتىن داۋالاش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «ئالاقە تورى + داۋالاش» ئارقىلىق ياردەم بەرگۈچى دوختۇرخانىلارنىڭ ئەلا داۋالاش بايلىقىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.
    ساخاۋەت بۇلاققا ئوخشايدۇ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ چېكى يوق. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى بىر كۆزنەك، بىز بۇ كۆزنەكتىن شىنجاڭغا چىن دىلىدىن نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆردۇق. بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلققە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى