تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

لى دېۋا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىدىن بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇلۇپىڭ، پىراكتىكانت جاڭشياۋسۇڭ خەۋىرى، فوتوسى: 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى سائەت 12دە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرى جاتەن كەنتىدىكى لى دېۋا گۈل – گىياھ پارنىكىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. لى دېۋا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: مەن مۇشۇ گۈللەرگە تايىنىپ ئائىلەمدىكىلەرنى بېقىۋاتىمەن، دېدى. ئۇ بۇ گۈللەرگە تايىنىپ، تۆۋەن كاپالەت قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى ھەم كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.
    1997-يىلى، گەنسۇ تيەنشۈيدىكى يۇرتىدا دېھقانچىلىق قىلىدىغان لى دېۋا پارنىكتا كۆكتات تېرىشنىڭ پايدىسىنىڭ كۆپلۈكىنى ئاڭلاپ، دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ جاتەن كەنتىگە كېلىپ، ئىككى پارنىكنى ھۆددىگە ئالدى. ئۆي ئىجارە ئالىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى بەش جان پارنىكقا يانداپ سېلىنغان 12 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە تۇردى.
    باشقىلار قانداق ئۇرۇق سېتىۋالسا، لى دېۋامۇ شۇنداق ئۇرۇق سېتىۋالدى. باشقىلار قانداق سۇغارسا، ئۇمۇ شۇنداق سۇغاردى. كۆكتاتلار ئاخىر ئۆسۈپ چىقتى، لېكىن قانداق سېتىش بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. لى دېۋا: ئەينى ۋاقىتتا بازار ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەچكە، كۆپ قىسىم پايدىنى كۆكتات ھايانكەشلىرى ئالدى، سېتىلمىغان كۆكتاتلار جايىدىلا سېسىپ كەتتى، شۇ بىر نەچچە يىلدا ئاساسەن پۇل تاپالمىدىم، دېدى. ئۇنىڭ كۆزىنىڭ 2 – دەرىجىلىك مېيىپ ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، كەنت لى دېۋاغا تۆۋەن كاپالەت پۇلى ھەل قىلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ كۈنى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى، بەزىدە ھەتتا ئۇننىمۇ قوشنىلاردىن ئۆتنە ئالاتتى.
    ئادەم قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئۇنى يېڭىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. 2010 – يىلى، ئۈچ بالىسىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇۋاتقان لى دېۋا پۇلغا جىددىي موھتاج بولدى. ئۇ ئۈرۈمچى، سانجىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، گۈل – گىياھنىڭ بازار ئېھتىياجىنىڭ چوڭلۇقىنى، ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، لى دېۋا پۇل غەملەپ، يەنە ئىككى پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ گۈل تېرىپ، يىللىق كىرىمىنى بۇرۇنقىدىن بىر ھەسسە ئاشۇردى.
    2015-يىلى، لى دېۋا پارنىكنى كۆپرەك ھۆددىگە ئېلىشنى ئويلىدى، لېكىن، قەرز ئالىدىغانغا كېپىل بولغۇچى تاپالمىدى. ئۇ ئۈرۈمچى ناھىيەلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرى جاتەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنى ئىزدەپ بېرىپ مەسلىھەتلەشتى. ئاخىرىدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنىڭ كېپىللىكىدە 100 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ئالتە پارنىكنى ھۆددىگە ئالدى، يەنە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تولۇقلىما سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى. لى دېۋا: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مېنىڭ بىر خىللا گۈل تېرىغانلىقىمنى، بەزىلىرىگە قۇرت چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ، كەسپىي تېخنىك خادىم تەكلىپ قىلىپ ماڭا ھەقسىز تېخنىكا ئۆگەتتى، دېدى. ئۇ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش، سورتنى كۆپەيتىش، سودىگەرلەرنى تەكلىپ قىلىپ نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ‹‹ئاۋۋال تېرىپ كېيىن سېتىش››تىن تەرەققىي قىلىپ ‹‹ئاۋۋال سېتىپ كېيىن تېرىش››تىن ئىبارەت زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىشقا  يۈزلەندى، تېرىقچىلىق قىلىش، سېتىش تەجرىبىسى بارغانسېرى بېيىدى.
    ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، لى دېۋا خىزمەت ئەترىتى، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ بېرىپ، تۆۋەن كاپالەتتىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا يېتەكلەش ئويىنى ئېيتتى. لى دېۋا: بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى تېز تەرەققىي قىلدى، نەنسەنگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. كەنتىمىز مەنزىرە رايونىغا يېقىن بولغاچقا، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىناپ بېقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، دېدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 2016-يىلى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ‹‹خۇالۇڭ›› تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، 11 ئائىلىلىك دېھقان كوللېكتىپ ھۆددىگە ئېلىپ تەرەققىي قىلدى، 40 پارنىكنىڭ ھەممىسىدە زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، يىللىق كىرىمىنى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى، 20دىن كۆپ ئىش ئورنى ياراتتى.
    ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ياڭ گاۋپېڭ مۇنداق دېدى: كەنتىمىز بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ماڭا ئوخشاش سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلدى. ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن جەم بولدۇق، ئىلگىرىكىدىن كۆپ پۇل تاپالايدىغان بولدۇق، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى