تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئۈزۈمنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى رولى

  

  ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.

  ئۈزۈمنىڭ بۆرەكنى قۇۋەتلەپ پەيلەرنى چىڭىتىش، بەدەننى قۇۋەتلەپ قان تولۇقلاش رولى بار. ئۈزۈم تەركىبىدىكى گىلۇكوزا ۋە فىرۇكتوزا ئادەم بەدىنىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئېنېرگىيەگە ئايلىنىپ، بەدەن كۈچىنى تېز سۈرەتتە ئاشۇرىدۇ، بەدەندىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ.

  قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

  ئۈزۈمنىڭ نەملىكنى ئاشۇرۇپ، قان تولۇقلاش رولى بار. ئۈزۈم تەركىبىدىكى سىئانىدىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، تېرىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۈزۈم ئۇرىقى ئەركىن رادىكاللارنى توسۇش ئارقىلىق، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.

  ھۆسىن تۈزەپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

  ئۈزۈمنىڭ بىر قەدەر ياخشى بولغان قاننى جانلاندۇرۇش، ئۇيۇپ قالغان قانلارنى تارقىتىش رولى بار، ئۈزۈم ئۇرۇقى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، تېرىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قارا پىگمېنتلارنى ئازايتىپ، تېرىنى ئاقارتىپ، داغلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ، ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ قالايمىغانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەيدۇ.

  نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

  ئۈزۈمنىڭ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار. ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان ھورمون مېلاتونىن بولۇپ، ئۇيقۇ دەۋرىيلىكىنى تەڭشەيدۇ، ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ.

  كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، زېھنىي-قۇۋەتنى ئاچىدۇ.

  ئۈزۈمنىڭ جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋەتلەش، قان تولۇقلاش رولى بار. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىپ، مېڭىنى جانلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، قان پىلاستىنكىسىنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەيدۇ، قان-تومۇرلار راۋانلىشىدۇ. ئۈزۈمنىڭ يەنە كۆزنى ئاسراش رولى بولۇپ، ئۈزۈم ئۇرۇقى تەركىبىدىكى مول بولغان سىئانىدىن ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىپ ئۆلۈشىنى تىزگىنلەپ، بۇ ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋىتىنى ئاسراپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىدۇ.

  تەشۋىشنى پەسەيتىدۇ.

  چۈچۈمەل ئۈزۈمنىڭ چۈچۈمەل تەمى جىگەرگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، جىگەرنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. نېرۋىسى ئاجىزلار ۋە كۆپ چارچايدىغانلار ئۈزۈمنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئۈزۈمنىڭ پۇرىقى خامۇشلۇق ۋە تەشۋىشلىكنى داۋالاپ، كىشىگە خۇشال كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو تىبابەتچىلىك دورىگەرلىك گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى