شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «يىلى» يىمەكلىك مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىدە «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا كىرىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئىستېمالچىلار ۋەكىلى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى يېمەكلىك-دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت نەق مەيداندىكى خادىملارغا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئاقما لىنىيەسىنى نەق مەيداندا ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ۋە كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كۆرۈنمە چاستوتىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىكلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇداپىئە ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2018-يىللىق «يىمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى» دىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.