تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

قومۇل شەھىرىدە 300دىن ئارتۇق قاشتېشى ۋە كەشتە بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىندى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يىڭچۈن خەۋىرى: يېقىندا، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئاخبارات-نەشرىيات (نەشر ھوقۇقى) ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان قاشتاش ئويما ۋە كەشتە بۇيۇملار كۆرگەزمىسى قومۇل شەھەرلىك مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى قومۇل شەھەرلىك مۇزېيدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە 300دىن ئارتۇق ئېسىل قاشتاش ئويمىلار ۋە كەشتە بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، خوتەن قاشتېشى، رەڭلىك قاشتاش قاتارلىقلار نەپىس سەنئەت بۇيۇمى قىلىپ ئۇيۇپ چىقىلغان، ھەر بىر ئەسەرگە مول مەزمۇن ۋە مەدەنىيەت سىڭدۈرۈلگەن. بۇ بۇيۇملار ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ياسالغان بولۇپ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا يېڭى دەۋر روھى تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلەنگەن. كۆرگەزمىدىكى قاشتاش ۋە كەشتە بۇيۇملار سەنئەتكارنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، كۆرگەزمە قىلغۇچىلارغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى