ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارى 66 مىڭ 284 ئاپتوموبىلغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۇدا ئۆرلەپ، 235 ئاپتوموبىل سېتىلغان.
دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى مۇناسىۋەتلىك كەسىپى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش سانلىق مەلۇماتىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 235 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىلغان. كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى 8 مىليون 148 مىڭ 500 يۈەن بولغان. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار بارا-بارا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىنىشىچە، 2015-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 699 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىلغان.