تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

بەختلىك ئائىلە قانداق مەيدانغا كېلىدۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    بەختلىك ئائىلە ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدە ھەر خىل زىددىيەتلەرنى قەدەممۇ قەدەم ھەل قىلىش ئارقىسىدا مەيدانغا كېلىدۇ. بەختلىك ئائىلە، رومانتىك مۇھەببەت دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن مەۋجۇت، ئەمما ئۇمۇ نۇرغۇن مەۋجۇتلۇقلارنىڭ بىر قىسمى خالاس. ھەقىقىي بەخت قىيىنچىلىققا يولۇققاندا قول تۇتۇشۇپ ئۇنىڭغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش، مەسىلىنى بىللە ھەل قىلىشتا ئىپادىلەنسە كېرەك. ھايات يولى ئۇزاق يول، ئەمما ئۇ سۈركىلىشتىن مۇستەسنا ئەمەس.
    توي قىلىپ 7-يىلى ئالىيەنىڭ ئېرىنىڭ خىزمىتى ئۆسۈپ، كىرىمى ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن ئالىيە خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، شەھەر ئېسىلزادە ئاياللىرى سېپىگە قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئۈندىدارغا چىقارغان ساياھەت سۈرەتلىرىنى كۆرگەنلەر ئۇنىڭ بۇ بەختلىك تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىشتى. ئەمما ئۆتكەن ئالتە يىلدىكى ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرى ئالىيەگىلا ئايان.
    توي قىلىپ 1-يىلى شېرىن ئايدىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ كەمچىلىكلىرى، مىجەز-خۇلقلىرى ئاشكارىلىنىپ، تويدىن كېيىنكى سۈركىلىش باشلاندى.
    2-يىلى قېينىئانا-كېلىن ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلۈپ، ئىككى تەرەپتىن تەڭقىسلىقتا قالغان ئېرى تېگىپ كەتسىلا پارتلايدىغان «ئوق-دورا خالتىسى»غا ئايلىنىپ قالدى.
    3-يىلى قىزى تۇغۇلدى، ئېرىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمىگىنىدىن رەنجىگەن ئالىيەنىڭ سۈت پاراشوكى تەڭشەش، زاكا ئالماشتۇرۇش دېگەندەك تۈگىمەس ئىشلار سەۋەبىدىن كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى ئويلىغۇدەكمۇ ھەپسىلىسى قالمىدى.
    4-يىلى ئېرى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، بىر ئائىلىنىڭ يۈكى ۋە ئۆينىڭ قەرزى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئالىيەنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى.
    5-يىلى 2-پەرزەنتلىك بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسىدە ئېرى بىلەن پىكرى بىر يەرگە كەلمەي، ئىككىيلەن خېلىغىچە ماي تارتىشىپ يۈردى.
    6-يىلى مەبلەغ سالغان ئىشىدىن چاتاق چىقىپ، تاپقان-تەرگىنى يوق بولدى.
    ئالتە يىلدا رومانتىك تەپسىلاتلار بولمىدى، دېسەك بولماس، ئەمما تۇرمۇش سىناقلىرىمۇ ئاز بولمىدى. بۇ سىناقلار ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ سەۋرىچانلىقىنى چېنىقتۇردى. ئىرادىسىنى تاۋلىدى.
    ئالىيە توي قىلغان يىلى چوڭلار ئۇنىڭغا «بەختلىك ئائىلە ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتا ھەر خىل زىددىيەتلەرنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلىش ئارقىسىدا مەيدانغا كېلىدۇ» دەپ نەسىھەت قىلىشقان، ئالىيە ئۇلارغا «ئاچا، مەن ئۇرۇشقا قاتناشمايمەن، توي قىلغىلىۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇ چوڭلارنىڭ گەپلىرىنىڭ تېگىگە ئەمدى يەتكەندەك بولدى.
    ئۇ ھازىر كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدىغانلىقىغا ئىشەندى، مەسىلىلەرگە يولۇقسا ئۇنىۋېرسال نۇقتىدىن ئويلىشىپ قارار چىقىرىدىغان بولدى. تۇرمۇشتا مەسىلىنى قەدەممۇ قەدەم ھەل قىلىش لازىملىقىنى، بەختلىك ئائىلىنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالمايدىغانلىقى، تىرىشچانلىق، سەۋرىچانلىق بەدىلىگە قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى.
    ئومۇمەن، ھايات يولى ئۇزاق، سۈركىلىش بۇ يولدىكى مەڭگۈلۈك تېما، ھېچكىم ئەر-ئايالنىڭ بىر ئۆمۈر سۈركىلىشمەي ئۆتۈشىگە ھۆددە قىلالمايدۇ، مۇھىمى، ئىككىيلەننىڭ زىددىيەتنى قەدەممۇ قەدەم ھەل قىلىپ، ئائىلە ئاساسىنى پۇختىلاش-پۇختىلىيالماسلىقىدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى