تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك چېنىقىشىدا ئۈچ خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك

ماتېرىيال سۈرەت

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 7-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى. يازلىق تەتىل يېتىپ كەلدى، بالىلار يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك تەنتەربىيە چېنىقىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. نەنكەي داشۆسى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى گو لىڭ ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنى ئەسكەرتىپ، يازدا ئىلمىي چېنىقىشىنى كۈچەيتىشنى، ھەرىكەت جەريانىدىكى ئۈچ خاتا قاراشتىن ساقلىنىشنى ئېيتتى.

  بىرىنچى خاتا قاراش: ساپ پاختا تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىش. گو لىڭ مۇنداق دېدى: تومۇز ئىسسىقتا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەرىكەت قىلغاندا ساپ پاختا رەختتىن تىكىلگەن تەنھەرىكەت كىيىمى كىيدۈرۈپ قويىدۇ، ساپ پاختا كىيىم تەر سۈمۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ساپ پاختا رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەردە تەر ئاسان پارغا ئايلانماي، بەدەنگە چاپلىشىپ بىئارام قىلىدۇ، ھەرىكەت قىلغاندا ئىمكانقەدەر تەر تېز قۇرۇيدىغان كىيىملەرنى كىيىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا تەر ئاسان پارغا ئايلىنىپ، ئىسسىقلىق تارقىتىشقا پايدىسى بولىدۇ، تەرنىڭ تېرىگە چاپلىشىپ، تېرە سەزگۈرلۈكىنى پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ئىككىنچى خاتا قاراش: بالىلارغا سوغۇق ئىچىملىك تەييارلاش. گو لىڭ مۇنداق بىلدۈردى، سوغۇق ئىچىملىكنى ئىچكەندە ناھايىتى خۇشياقىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىگە نىسبەتەن بىر رىقابەت ھېسابلىنىدۇ. ھەرىكەت قىلغاندا بەدەندە قان ئايلىنىش تېز بولىدۇ، دەرھاللا سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە ئەكسىچە ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا پايدىسى بولمايدۇ. چېنىققاندا ئەڭ ياخشىسى قايناقسۇ ئىچىش كېرەك، ماش شورپىسى ئىچسىمۇ، ياكى تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرىنى ئىچىپ ئېلېكتىرولىت تولۇقلىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، گو لىڭ چېنىقىشتىن بۇرۇن تاماقنى بەك تويۇنۇپ يېمەسلىكنى، ئىمكانقەدەر چېنىقىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن تاماق يېيىش ياكى چېنىقىشتىن ئىلگىرى تاماقنى ئاز يېيىشنى تەۋسىيە قىلدى.

  ئۈچىنچى خاتا قاراش: چېنىققاندا ساندال كىيىش. گولىڭ مۇنداق قارىدى، نۇرغۇن بالا ساندال كىيىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش خەتەرلىك. ساندالنىڭ چەم ماتېرىيالى ھەرىكەت قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، تېيىلىشتىن ساقلىيالماي، بالا ئاسانلا يىقىلىپ كېتىدۇ، يەنە كېلىپ ساندال پۇتنى غاجايدۇ، پۇتتا چىڭ تۇرمايدۇ، ساندال كىيگەندە پۇت ئاسانلا قايرىلىپ كېتىدۇ.

    گو لىڭ مۇنداق دېدى، بەزى ئاتا-ئانىلار يازلىق تەتىلدە، بولۇپمۇ تومۇز كىرگەندىن كېيىن ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەچكە، بالىلارنى چېنىققاندا بىئارام بولىدۇ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ سىرتتىكى چېنىقىشنى ئازايتىۋېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، تەر چىقسا ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ماي ئېرىيدۇ، پەقەت يېتەرلىك سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلسىلا كۇپايە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىرتلاردا پائالىيەت قىلىش ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا، ئاتا-ئانىلار يازدا بالىلارنى سىرتتا ھەرىكەت قىلغۇزۇشتىن ۋاز كەچمىگىنى ياخشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى