تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

جىمىساردا يېمەك-ئىچمەك كەسپىدە كۆمۈر يېقىلغۇنى گازغا ئۆزگەرتىش ئومۇملاشتۇرۇلدى

    تىيانشان تورى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار مىڭ ۋېي، ۋۇ ۋېيدۇڭلار)خەۋىرى: جىمىسار ناھىيەلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ناھىيە ئىچىدىكى يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 26 ئورۇننىڭ كۆمۈر يېقىلغۇنى گازغا ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈردى.

    جىمىسار ناھىيەسى بۇ يىل ئوت يېقىش مەنئىي قىلىنىدىغان رايوندا پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشتە نومۇر ئېلىش، نومۇرنى بىكار قىلىش مەشغۇلات سۇپىسىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە، 336 ئورۇندا پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئومۇملاشقان، 26 ئورۇن ئۆزگەرتىلىش باسقۇچىدا. ئاشخانا خوجايىنى خې مىڭ پاكىز ئېنېرگىيە بولغان تەبىئىي گازنى ئىشلەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ھازىر، كۆمۈر يېقىلغۇنى گازغا ئۆزگەرتىش ناھايىتى ياخشى بولدى، تاماق ئېتىش سۈرئىتىمىزمۇ تېزلەشتى، خېرىدارلارمۇ خۇشال بولدى، ئاشخانىلىرىمىزنىڭ ئالدىغا كۆمۈرلەرنى دۆۋىلەپ قويمايدىغان بولدۇق، بۇنىڭ بىلەن تازىلىقىمىزمۇ پاكىز بولدى.»

    2018-يىلى، جىمىسار ناھىيەسى مەخسۇس ئۆزگەرتىپ تۈزەش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، كۈندىلىك تەكشۈرۈشتىكى ماي ۋە ئىس-تۈتەكتىن بۇلغىنىشنى تۈزەشتىن باشقا، كۆمۈر يېقىلغۇنى گازغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى. ئالاقىدار تارماقلار يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماي ۋە ئىس تۈتەكنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشىنى، ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى قاتارلىق سودا-سېتىقتا ئىشلىتىلمەيدىغان قۇرۇلۇشلار، بىنالاردىكى يۈرۈشلەشكەن پىلان بويىچە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئىس-تۈتەك تۇرخۇنى ئورنىتىلمىغان يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا «يېمەكلىك تىجارەت ئىجازاتنامىسى»نى بەرمەسلىكنى ھەمدە يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، بىردەك داۋاملىق تىجارەت قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارالغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ناھىيە يەنە، ئاشخانىلاردىكى كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، شاۋقۇن-سۈرەن، كېرەكسىز ماي قاتارلىقلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈزەپ ۋە ئۆزگەرتىپ،  يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تىجارەتتە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

مەنبە: سانجى گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى