تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئاۋات ناھىيەسى ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدە بالىلارنىڭ پۇتبول كوماندىسى بار بولدى

بالىلارنىڭ پۇتبول كىيىمى ۋە پۇتبول ئايىغى تېخى كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى خۇشال ئىدى.

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئاۋات ناھىيەسى فېڭشۇ تارماق رايونى ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئەختەم ئابدۇئەھەت 7-ئاينىڭ 18-كۈنى خۇشال ھالدا: «خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغىلار دائىم يول بويىدا توپ تېپىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، بىزگە بىر پۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ بەردى. ئۇلار كېيىن بىزنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز بۇنىڭغا ئىنتايىن تەقەززا بولدۇق» دېدى. يازلىق تەتىل كېلىش ئالدىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر زىيارەت قىلىش جەريانىدا كەنتتىكى بالىلارنىڭ پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، لېكىن تەشكىللىگۈچى ۋە كەسپىي مەشىقنىڭ كەملىكىنى بىلىپ، شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا بالىلارغا پۇتبول كىيىمى، پۇتبول ئايىغى ئېلىپ بېرىپ، بىر پۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ بەردى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە ئاكتىپلىق بىلەن «كەنت ئىككى كومىتېتى» دىكىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، كەنتتىكى بوش يەرنى ئاددىي بىر پۇتبول مەيدانى قىلىپ بەردى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بالىلارغا پۇتبول مەيدانى قۇرۇپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان كەنت ئاھالىلىرى سېخىيلىق بىلەن ياردەملەشتى، كۆپچىلىك توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى، كۈرەكلىك ئېلېۋاتورلارنى ئىشقا سېلىپ، ناھايىتى تېزلا پۇتبول مەيدانىنى تۈزلىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرمۇ ئىككى ئەزانى تىرېنېرلىققا ئورۇنلاشتۇردى.

  پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن كوماندىغا تۇنجى تۈركۈمدە 20 نەچچە بالا ئەزا بولدى. بۇ بالىلار ھەر كۈنى پۇتبول مەيدانىغا بېرىپ توپ تەپتى، ئۇلارنىڭ يۈگۈرگەن سىماسى، جانلىق قىياپىتى ئاھالىلەرنى جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى