تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جا. ئولۇنجاپ: ئەنئەنىۋى سۈت مەھسۇلاتلىرىمنى تېخىمۇ بازار تاپقۇزىمەن

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ۋاڭ ياپىڭ، بايىن سېخىنا

   ــ  ماڭا بىر كىلوگىرام قۇرۇت، بىر كىلوگىرام سۈزمە، ئازراق قايماق بېرىڭە.

   ــ بولىدۇ، جەمئىي 260 يۈەن.

   7– ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بورتالا شەھىرىدىكى دېلگېر يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جا. ئولۇنجاپ خېرىدارلىرىغا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

   ــ  مەندىن سۈت مەھسۇلاتلىرى سېتىۋالىدىغانلارنىڭ %80ى چۆپقەتلەر، بەزىدە خېرىدار ئالدىراش بولۇپ قالسا، ئۆزۈم ئاپىرىپ بېرىمەن،ـ دېدى جا. ئولۇنجاپ.

   بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن جا. ئولۇنجاپ بورتالا شەھىرىنىڭ چىڭدالا كوچا باشقارمىسى ‹‹شيۇيۈەن›› مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى. ئۇ ئىلگىرى ئېرى بىلەن بورتالا شەھىرى ئەتراپىدا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى. تاسادىپىي پۇرسەتتە، جا. ئولۇنجاپ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئەنئەنىۋى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇ جايدا ناھايىتى بازار تېپىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇ ئېرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ، ئەنئەنىۋى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياساشنى ئۆگەندى.

   قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جا. ئولۇنجاپ دەسلەپتە ئۆيىدە ئاز مىقداردا سۈزمە، سېرىق ماي ۋە ئىرىمچىكلەرنى تەييارلاپ، ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنىلىرىغا تېتىتىپ باقتى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئۇلار تالىشىپ سېتىۋالدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خېرىدارلار كۆپەيدى، ئۇنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەنتتە خېلى نامى چىقىپ قالدى.

   2015– يىلى 12 – ئايدا، جا. ئولۇنجاپ بورتالا شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ياردىمىدە، بورتالا شەھىرىدىكى ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىن ھەقسىز دۇكاندىن بىرنى ئىلتىماس قىلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جا. ئولۇنجاپ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭدى.

   كېيىن جا. ئولۇنجاپ بورتالا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئۈرۈمچىگە ماركېتىڭ بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە باردى. جا. ئولۇنجاپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كىشىلەر مەھسۇلات سېتىۋېلىشقا ئالدىمغا كېلەتتى، ھازىر مەن مەھسۇلاتلىرىمنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا تونۇشتۇرىدىغان بولدۇم.

   2016– يىلى 9 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، 2016 – يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جا. ئولۇنجاپنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى بورتالا شەھىرىگە ۋاكالىتەن كۆرگەزمىگە قويۇلدى، شۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، شۇنداقلا ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكنى تونۇتتى.

   جا. ئولۇنجاپ مۇنداق دېدى: مەن تەييارلىغان سۈزمە، ئىرىمچىكنىڭ ھەممىسى سولياۋ خالتىغا قاچىلانغان بولغاچقا، كۆركەم ئەمەس ئىدى، ‹‹مەدەنىيەت پۇرىقى››مۇ كەمچىل ئىدى.

   قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جا. ئولۇنجاپ مەھسۇلاتلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىشكە باش قاتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇرۇتنى چۈچۈمەل ۋە تاتلىق تەمدە تەييارلىغىلى بولىدۇ، سۈزمىنى يۆبىڭ شەكلىدە تەييارلىغىلى بولىدۇ، سېرىق ماينى نەپىس بېزەلگەن ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلىسا بولىدۇ، يەنە مەھسۇلات تونۇشتۇرۇلغان بەلگە چاپلانسا... جا. ئولۇنجاپنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، چىرايلىق ‹‹بېزەلگەن›› سۈت مەھسۇلاتلىرى خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

   ھازىر، جا. ئولۇنجاپنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى دەسلەپكى تۆت خىلدىن 20 خىلغا كۆپەيدى، خېرىدارلارمۇ دەسلەپكى قولۇم – قوشنا ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن پۈتۈن بورتالا شەھىرىگە كېڭەيدى.

   جا. ئولۇنجاپ مۇنداق دېدى: مەن 2017 – يىلى بورتالا شەھەرلىك سۇبۇد سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردۇم، كەنتتىكى 11 كىشى كوپىراتىپقا ئەزا بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە ئەنئەنىۋى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىڭلىغان  – ئونمىڭلىغان ئائىلىنى تەمىنلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى