تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەڭسايدىكى سادىق يول قوغدىغۇچىلار

ـــ ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول كەڭساي چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى توغرىسىدا

ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ لىجۈن

   7–ئاينىڭ 19–كۈنى، ليەنيۈنگاڭ–قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ سايرام كۆلىدىن كەڭسايغىچە بولغان بۆلىكىدە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بىر قاتناش ساقچى ئاپتوموبىلى تەرتىپلىك كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى يانداپ ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى.

   گۈزەل كەڭساي تاغلىرى ئارىسىدىن ئاپتوموبىل بىلەن ئۆتكەندە، ئېھتىمال كىشىلەر ئىلى دەرياسى ۋادىسى بىلەن سىرتنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ مۇھىم قاتناش غول لىنىيەسىنى قوغداۋاتقانلارنىڭ پارتىيەگە سادىق، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىدىغان، ئىنتىزامى چىڭ قاتناش ساقچى ئەترىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ‹‹مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي قاتلام ئورنى›› دەپ باھالانغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.

   يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول كەڭساي قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى 2009–يىلى 9–ئايدا قۇرۇلغان، پۈتۈن ئەترەتتە جەمئىي 15 قاتناش ساقچىسى بار. ھازىر، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى تەرەققىي قىلىپ توققۇزغا يەتكەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 37 ياش. چوڭ ئەترەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خەن جۈنماۋ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ نىشانىمىز ۋەقەلەرنى ئازايتىش، بىخەتەرلىككە، يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. قار–شىۋىرغانغا تاقابىل تۇرۇپ، يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يول قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا پارتىيە ئەزالىرى باشتىن–ئاخىر سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ.

   سايرام كۆلى–كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بۆلىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تەبىئىي مۇھىتى ئالاھىدە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 46 كىلومېتىر كېلىدۇ، %80ى تاغ ئىچىدە، تىك داۋان، ئەگىم يوللار كۆپ، بوران–چاپقۇن، قارا يامغۇرغا دۇچ كەلگەندە، بۇ يولدا يۈرۈش تەس.

   سايرام كۆلى–كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قاتناش ساقچى ئەترىتىدىكىلەر دائىم نۆلدىن تۆۋەن 20~30 سېلسىيە گىرادۇسلۇق شارائىتتا ئون نەچچە سائەتلەپ ئىشلەيدۇ، ھېرىپ – چارچاپ كەتكەندە دائىم ساقچى ئاپتوموبىلىغا چىقىپ بىرئاز ئارام ئېلىۋالىدۇ، قورسىقى ئاچقاندا، ئۇسسىغاندا قۇرۇق نان يەپ، مۇز سۈيى ئىچىدۇ. ناچار شارائىت ۋە مۇھىتتا قاتناش ساقچى ئەترىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جاپادىن، ھېرىپ–چارچاشتىن قورقماي، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خىزمەتنى تالىشىپ ئىشلەيدۇ.

   پارتىيەلىك قاتناش ساقچىلىرىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانچە قېتىملاپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقى نامەلۇم. ئۇلار سوقۇلۇپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن كابىنكىغا قاپسىلىپ قالغان شوپۇرلارنى قۇتقۇزدى، ئوت كەتكەن ئاپتوبۇسلارغا ئېتىلىپ كىرىپ يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇردى، قاردا كۆمۈلۈپ قالغان ئاپتوموبىل ۋە ئادەملەرنى قولى بىلەن كولاپ چىقىرىپ قۇتقۇزدى... قەيەردە خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلسە، پارتىيە ئەزالىرى شۇ يەرگە بېرىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

   2014–يىلى، كەڭسايدا زور قار كۆچكۈنى يۈز بەردى، ئۇلار قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى؛ 2016–يىلىدىن 2017–يىلىغىچە، كەڭسايدا كۆپ قېتىم ئېغىر تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش ئاپىتى يۈز بەردى. ئۇلار قاتناشنى تېز راۋانلاشتۇرۇپ، كەڭسايدىكى مۇھىم يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

   ھەربىر قاتناش ساقچىسى ھاياتلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى تېخىمۇ ئۈلگە بولۇپ، ئەگرى–بۈگرى تاغ يولىنى يىل بويى چارلاپ، ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

   سايرام كۆلى–كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتناش–تىرانسپورت غول لىنىيەسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە چارۋىلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈشىدىكى مۇھىم يول. ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە نەچچە ئون مىڭ چارۋا ئوتلاق كۆچۈشتە كەڭسايدىن ئۆتىدۇ، ئوتلاق كۆچۈش سەپىرىدە، سايرام كۆلى–كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ قاتناش بېسىمىمۇ زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. قاتناش ساقچىلىرى ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلغاچ، چارۋىچىلارغا ھەمراھ بولۇپ، چارۋىلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ، قار–شىۋىرغانغا قارىماي، چارۋىچىلار بىلەن بىللە ئاستا–ئاستا ئىلگىرىلەيدۇ.

   قاتناش ساقچىلىرى يەنە دائىم ‹‹پادىچى›› بولۇپ، قاتناشقا قوماندانلىق قىلغاچ، چارۋىچىلارغا ياردەملىشىدۇ ۋە ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، چارۋىچىلارغا ھازىرقى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ئۆتمۈشنى، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ئۇلاردىن قىزغىن ھال–ئەھۋال سورايدۇ، ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ... ئۇلار ئۆزى تاغ ئارىسىدا بولسىمۇ، كۆڭلىگە ئاممىنى پۈككەن.

   چوڭ ئەترەت پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە، دەۋر قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىش، جان–دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيەسىگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە.

   پارتىيە ياچېيكىسىدا ياش پارتىيە ئەزالىرى كۆپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ئوچۇق، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى كۈچلۈك بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى مىكرو بىلوگ قاتناش سۇپىسىنى قۇرۇپ، سايرام كۆلى–كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ يول ئەھۋالى ۋە ھاۋا رايى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدۇ، قاتناش قانۇن–نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىپ، ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزىدۇ.

   يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول كەڭساي چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى ئىلى ئوبلاستى بويىچە ‹‹ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى›› بولۇپ باھالاندى، يەنە ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇنەۋۋەر چوڭ ئەترەت››، ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە يول قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىلغار چوڭ ئەترەت›› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى