تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مەنبەلەشكەن ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا 55 مىڭ 440 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى

   مۇخبىرىمىز لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى بۇ يىل پۈتكۈزگەنلەردىن 55 مىڭ 440ى ئىشقا ئورۇنلاشقان، تۇنجى قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار %61.79كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تەخمىنەن %70ىنى ئىگىلىگەن.

   2018ـ يىلى، ئاپتونوم رايوندىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر 90 مىڭغا يېقىن بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى ناھايىتى مۈشكۈل بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۆپ مەنبەلەشكەن ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
    
   ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بەش چوڭ ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى، ئىلھاملاندۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قاتلامدا ئىختىساسلىقلار راۋان يۆتكىلىش مېخانىزمىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام، جاپالىق، چەت ـ يىراق رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈردى، ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش›› پىلانى قاتارلىق ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش تۈرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى يولغا قويۇپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى يۇقىرى، ئىستىلى پۇختا ئاساسىي قاتلام ياش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلدى.

   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىش، كارخانىلاردا ئىشلەشنى تاللاپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورۇنلىرىدا تالانتىنى نامايان قىلدى. شىنجاڭ داشۆسى ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن جياۋ ۋۇبونىڭ ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى شىنجاڭ كورلا ‹‹جۇڭتەي›› نېفىت – خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىشلەۋاتقىنىغا يېرىم ئايدىن ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىنىپىمىزدىكى 25 ئوقۇغۇچىنىڭ بىر نەچچىسى داۋاملىق ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقاندىن باشقا، كۆپ قىسمىمىز كارخانىلاردا ئىشلەشنى تاللىدۇق.

   جياۋ ۋۇبو مۇنداق دېدى: كارخانىلاردا ئىشلىسەك، ئۆگەنگەن كەسپىمىزگە نىسبەتەن ماس كېلىدىكەن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىكەنمىز. زامانىۋى كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرى ناھايىتى مۇكەممەل، تەمىنات جەھەتتىمۇ ناھايىتى ياخشى كاپالەتكە ئىگە. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، خىزمەتنى ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىسەكلا، قەيەردە ئىشلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، نەتىجە يارىتىپ، كۈرەش داۋامىدا ياشلىق غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ياشلىق ئارزۇيىمىزغا يېتەلەيمىز.

   ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى پارتىيە قۇرۇلۇشى ـ ئادەم كۈچى بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىختىساسلىقلارنى ‹‹كىرگۈزۈش، ئېلىپ قېلىش›› ئۈچۈن، گۇرۇھىمىز ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كارخانىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ۋە ئۇلارنىڭ مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەپ، تەمىنات كاپالىتىنى ئۆستۈردۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇرۇھىمىز تەكلىپ قىلغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر يىلدىن ـ يىلغا ئاشتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە 158 خادىمنى تەكلىپ قىلىپ، شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچ قوشتۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى