تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو ـ سېنېگال مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7–ئاينىڭ 21–كۈنى داكاردا سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن سۆھبەتلەشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، داكار، 7–ئاينىڭ 21–كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، مېڭ نا، لو جۈن). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7–ئاينىڭ 21–كۈنى داكاردا سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو–سېنېگال مۇناسىۋىتىدە ئېرىشكەن تېز تەرەققىياتقا يۈكسەك باھا بەردى، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو–سېنېگال مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

   شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن سېنېگال ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ داغدۇغىلىق كۈتۈۋالغانلىقىغا ۋە قىزغىن قارشى ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، بۇ، جۇڭگو–سېنېگال دوستلۇقىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، دەپ قارىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2016–يىلى، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى بىرلىكتە بېكىتكەنىدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو–سېنېگال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقى ئەمەلىي بولدى. جۇڭگو سېنېگال بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگو–سېنېگال مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن مۇئامىلە قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىقىنى كۈچەپ قوللىغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇيمەن. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر–بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ–چوڭ مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللىشى زۆرۈر. بىز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ۋە سىياسەت ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. بىز سېنېگالنىڭ جۇڭگو بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغان غەربىي ئافرىقىدىكى تۇنجى دۆلەت بولغانلىقىنى قارشى ئالىمىز. بىز بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو–سېنېگال ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو ‹‹باشقىلارغا بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش›› ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، سېنېگال بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سېنېگالنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى خالايدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەلرايىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىمىز، جۇڭگو سېنېگالنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تىنچلىقنى ساقلاش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو سېنېگالنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، سېنېگال بىلەن ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق چوڭ–چوڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
                                    
   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن جۇڭگو–ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۇزاققىچە دوستانە ئۆتۈپ، خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ تەقدىرداش بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات يولىدىكى سەمىمىي ھەمراھلار، خەلقئارا ئىشلاردىكى تەبىئىي ئىتتىپاقداشلار. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئافرىقىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو ئافرىقىغا قارىتىلغان ھەقىقىي، سەمىمىي سىياسەت ئىدىيەسى ۋە دۇرۇس مەنپەئەت قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يېقىن بولغان جۇڭگو–ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ يىل 9–ئايدا، بىز جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى كۈتۈۋالىمىز. مەن سال زۇڭتۇڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بېيجىڭدا جەم بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشكە ئىنتىزارمەن.

   سال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى زىيارىتىدە سېنېگالغا كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ سېنېگال خەلقىنىڭ شان–شەرىپى. جۇڭگو تارىختا ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. سېنېگال جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگونىڭ سېنېگالنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، گۈللىنىش پىلانىنى يولغا قويۇشىغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان سېنېگال–جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم، قۇدرەتلىك بولۇپ، كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ. سېنېگال بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق،  ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سۇچىلىق، سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. سېنېگال ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ تەبىئىي ئىتتىپاقدىشى، ئافرىقىمۇ جۇڭگونىڭ تەبىئىي ئىتتىپاقدىشىغا ئايلىنىشى كېرەك. سېنېگال جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى سىغدۇرۇشچان، ئۈنۈملۈك، ئىتتىپاقلىق ئاساسىدىكى ھەمكارلىق رامكىسى، ئۇ ئەمەلىي ھەمكارلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان. سېنېگال جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى كۈچەيتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم جۇڭگو–ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى قوللايدۇ. سېنېگال جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ باراۋەر، ئادىل، سىغدۇرۇشچان دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىشقا بىرلىكتە تىرىشىدۇ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى بىرلىكتە قوغداپ، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ.

   سۆھبەتتىن كېيىن، سال شى جىنپىڭغا سېنېگال دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى  دۆلەت ئەركەك شىر تۆھپە ئوردېنى ئۆمىكىنىڭ چوڭ كىرېست ئوردېنىنى بەردى.

   ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھچى بولدى.

   ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

   سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى، سال زۇڭتۇڭ ۋە سېنېگال ئاممىسى شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق، قىزغىن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە كېتىۋاتقاندا، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ساقلاپ تۇرغان شۇ جايدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، جۇڭگو بىلەن سېنېگالنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، داقا–دۇمباق چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، قىزغىن تەنتەنە قىلىشىپ قارشى ئالدى. زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە بارىدىغان جۇمھۇرىيەت يولىدا، ئاتلىق مۇراسىم ئەترىتى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى ۋە مۇھاپىزەت قىلدى. ئارغىماقلار چەبدەس قەدەملىرىنى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ھەيۋەت بىلەن ماڭدى. زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. سال زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بىناسى ئالدىدا كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.