تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو – جەنۇبىي ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتايلى

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7–ئاينىڭ 22–كۈنى تېلېگراممىسى. 7–ئاينىڭ 22–كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا چىقىدىغان ‹‹يەكشەنبىلىك مۇستەقىللىق گېزىتى››، ‹‹يەكشەنبىلىك مۇنبەر گېزىتى››، ‹‹ھەپتە ئاخىرىدىكى قاراۋۇل گېزىتى››دە ‹‹قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتايلى›› سەرلەۋھىلىك ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتايلى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى  شى جىنپىڭ

   مەن سىرىل رامافۇسا زۇڭتۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 3–قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىم ھەم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10–قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ھىندى ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان ئوراپ تۇرغان ‹‹ھەسەن–ھۈسەن دۆلىتى››نىڭ ئۆزگىچە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق ئەمگەكچان خەلقى، رەڭگارەڭ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى بار. پات ئارىدا بۇ گۈزەل زېمىنغا يەنە بىر قېتىم قەدەم باسىدىغانلىقىمنى ئويلىسام، قەلبىم ئۈمىدكە تولىدۇ.

   بۇ يىل دەل جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، لېكىن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىلگىرى جاھانگىرلىك، مۇستەملىكىچىلىك، ئىرقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇش كۈرىشى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت خەلقى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان، يېڭى جەنۇبىي ئافرىقا قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ جۇڭگو – جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇساپىسىدە ئىزچىل ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ۋاقىتنىڭ ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋەتتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكىچە بولغان زور ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىقتىساد–سودا جەھەتتە ھەمكارلىشىش، ئادىمىيەت جەھەتتە ئالاقىلىشىش، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش تەڭ ئىلگىرىلىگەن كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى. ئۆتكەن ئالتە يىلدا، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ توختاۋسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى جۇڭگو بىلەن ئافرىقا مۇناسىۋىتى، جەنۇب–جەنۇب ھەمكارلىقى ھەم گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى، بۇ، تېخىمۇ يېقىن بولغان جۇڭگو بىلەن ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىدىغان، ئادىل–ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا مۇھىم ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

   ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسى كۆپەيدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئارا قويۇق زىيارەت قىلىش، ئۇچرىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن يېتەكلىدى. جۇڭگو ئۇدا توققۇز يىل جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ 1–چوڭ سودا ھەمراھ دۆلىتى بولدى، جەنۇبىي ئافرىقىمۇ جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى. 2017–يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 39 مىليارد 170 مىليون دوللار بولۇپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن 20 نەچچە ھەسسە ئاشتى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا بىۋاسىتە سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 10 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن ئېشىپ، 80 نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتتى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگونىڭ زور بىر تۈركۈم كارخانىسى جەنۇبىي ئافرىقىدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ ھەم مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ قالتىس ھېكايىسىنى يازدى. جەنۇبىي ئافرىقا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا سالغان مەبلىغىمۇ ئوخشاشلا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئۆزئارا دۆلەت يىلى ئۆتكۈزۈش، جۇڭگو – جەنۇبىي ئافرىقا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمىنى رەسمىي قوزغىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلب رىشتىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن–تېخنىكا، سەھىيە، ياشلار، ئاياللار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسى، ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. جەنۇبىي ئافرىقا جەلپ قىلغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ، دوستلۇق ئورناتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئەڭ كۆپ، تەسىس قىلغان كۇڭزى شۆيۈەنى ۋە كۇڭزى دەرسخانىسى ئەڭ كۆپ بولغان سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلىتىگە ئايلاندى. جۇڭگومۇ جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان جەنۇبىي ئافرىقىلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بىلىم ئېلىش ۋە ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى كارخانىلىرى جەنۇبىي ئافرىقا بازىرىنى پائال ئېچىپ، يىڭنە سانجىش، لوڭقا قويۇش قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ جەنۇبىي ئافرىقا ئاممىسىنى كېسەل داۋالاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش جەھەتتە يېڭى تاللاشقا ئىگە قىلدى. جۇڭگو پىدائىيلىرى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانا ۋە جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلارنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ شۇ جايدىكى ھايۋانلارنى قوغداش تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئافرىقىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو – جەنۇبىي ئافرىقا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈلۈشىدۇر.

   ھازىر جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى، رامافۇسا زۇڭتۇڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ‹‹ئارزۇ ۋە ئىشەنچكە تولغان يېڭى دەۋر››گە قەدەم قويغانلىقىنى جاكارلىدى. بىز جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ‹‹يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ››، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

   ——قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرىمىز. بىز يۇقىرى قاتلاملىقلارنىڭ ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، پارتىيەلەر ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ–چوڭ مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، مەڭگۈ ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەمراھلاردىن بولىمىز. مەن 9–ئايدا زۇڭتۇڭ رامافۇسا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، ئۇنى بېيجىڭدا كۈتۈۋېلىشقا ھەم جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىشقا ئىنتىزارمەن.

   ——جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق مېخانىزم ۋە سۇپىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، بايلىق ۋە ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە، ساياھەت، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىمىز.

   ——ئالاقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىگە ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز. بىز جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمىنىڭ مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا بېرىش–كېلىشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن–تېخنىكا، سەھىيە، تەنتەربىيە، ياشلار، ئاياللار، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئىجتىمائىي ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتاشتۇرىمىز، قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىمىز.

    ——ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز. بىز 2018–يىللىق جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10–قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزئارا قوللايمىز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىمىز، خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىمىز، ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغدايمىز، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولىمىز، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشقا ئەقىل قوشىمىز ۋە لايىھە سۇنىمىز.

   بۇ يىل يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. ئون يىلدىن بۇيان، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، تەسىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار ئۇچرىشىشى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن ئون يىلى››دىكى تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشى. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىننى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، ‹‹كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئافرىقىدا: 4–قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدا سىغدۇرۇشچان ئېشىش ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى بىللە پىلانلاش›› باش تېمىسىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بەش كېسەك ئالتۇن دۆلىتىنىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

   بۇ يىل يەنە يېڭى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ماندېلا ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. ماندېلا ئەپەندى: ‹‹ئافرىقىنىڭ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىشى ئەمدى پەقەت بىر غايىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئۇرۇقى ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا، پۈتكۈل ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا چېچىلدى››، دېگەنىدى. 20–ئەسىردە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئافرىقا بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، 21–ئەسىر جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئافرىقا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى كۈتۈۋالىدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ، جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى بىرلىكتە يارىتايلى!
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.