تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرى جېڭىس ئەنۋەر

   مەن ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادام پارتىيە ئەزاسى، ئۇ بىزگە كىچىكىمىزدىن باشلاپ قاچان، قەيەردە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، قانۇن–ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈش توغرىسىدا تەربىيە بەرگەن. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە ئوقۇشۇمنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دۆلەت كادىرى بولدۇم. پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار، قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول، ئۇلار ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولدى، سەھنىدە چوڭ سۆزلەپ، سەھنىدىن چۈشكەندە قارشى مۇقام توۋلىدى، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىن تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ قەبىھ. بىز چوقۇم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئۈزۈل–كېسىل تازىلىشىمىز كېرەك.

   پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى:

   پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ئاگاھ سىگنالىنى دائىم ياڭرىتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. مەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىمەن. ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى پائال ياڭرىتىمەن، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن.

   ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن. مەن ئىدىيەۋى–سىياسىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن. ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، قائىدىگە بويسۇنىمەن، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمەت ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى تۈرلۈك تۈزۈملەرگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى