تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى

18 دۆلەتنىڭ 23 تاراتقۇ خادىمى ئۈرۈمچىگە جەم بولدى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ. 7–ئاينىڭ 21–كۈنى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى 18 دۆلەتنىڭ 23 تاراتقۇ مەسئۇلى ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا قاتناشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى دوستلارنى بۇ قېتىمقى بىلىم ئاشۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق شىنجاڭنى بىۋاسىتە، ھەقىقىي تونۇپ ۋە چۈشىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھچى بولۇپ، يىپەك يولى ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشكە قاراپ مېڭىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

   كۇرسقا قاتناشقان تاراتقۇ مەسئۇللىرى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسى، دىن سىياسىتى ۋە مىللەتلەر سىياسىتى قاتارلىق ئاساسىي تېمىلىق مەخسۇس لېكسىيەگە قاتنىشىدۇ ھەم شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.

   قىرغىزىستان ئاكىپرېس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىجرائىيە مۇھەررىرى ئارسلان سادىقوۋ  مۇنداق دېدى: مەن نەچچە يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا كەلگەنىدىم، بىر نەچچە يىلدىلا ئۈرۈمچىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ، ئىستېرېئولۇق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر تەرەپ–تەرەپكە تۇتۇشۇپ، نۇرغۇن ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرىپتۇ، شەھەر تولىمۇ پاكىز ئىكەن، كېچىلىك مەنزىرە بەكمۇ گۈزەل ئىكەن، ئۈرۈمچى پەرۋاز قىلىۋاتقان زامانىۋى شەھەرگە ئايلىنىپتۇ.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 7–ئاينىڭ 21–كۈنىدىن 25–كۈنىگىچە، كۇرسقا قاتناشقان تاراتقۇ مەسئۇللىرى ئۈرۈمچى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولىدىكەن.

   يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن، بۇ كۇرس 2012–يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئالتە قارار ئۆتكۈزۈلۈپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ يېڭى كۆزنىكىنى ئېچىش، رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

   بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا قاتناشقانلار شىنجاڭدىكى سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇ ئورگانلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى