تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

روزىمەمەت مەتروزى تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ يەن خەۋىرى: چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرىنىڭ ساي ئۆستەڭ كەنتىدىكى 35 ياشلىق روزىمەمەت مەتروزى داڭلىق شەخسكە ئايلاندى، ئۇ بۇلتۇر كەپتەر بېقىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

   مەن 6–ئاينىڭ 28–كۈنى روزىمەمەت مەتروزىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا، ئوخشاش بولمىغان ئۈچ كەپتەرخانىدا نۇرغۇن كەپتەر دانلاۋاتاتتى.

   روزىمەمەت مەتروزى كەنتتىكى داڭلىق كەپتەر بېقىش ماھىرى بولۇپ، ئىلگىرى ئىزچىل ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان بولسىمۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانىدى. 2017–يىلى، چىرا ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلە زىيارىتى قىلغاندا، ئۇنى كەپتەرچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىدا، روزىمەمەت مەتروزى 40 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، 100 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كەپتەرخانا سېلىپ، 100 كەپتەر باقتى، كەپتەرلەر 20 كۈندىلا باچكا چىقارغاچقا، ئۇ شۇ يىلى 10 مىڭ يۈەن پايدا ئالدى. ئۇنىڭ خوتۇنى ئاشخانىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئېيىغا 2000 يۈەن كىرىم قىلدى. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى تەلتۆكۈس ئۆزگەردى.

   كەپتەر بېقىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن روزىمەمەت مەتروزىنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا يەنە يېڭىدىن كەپتەرخانا سېلىپ 800 كەپتەر سېتىۋالدى، ھۆكۈمەت بىر كەپتەرگە  بەش يۈەندىن تولۇقلىما بەردى، ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ كەپتىرى 1100دىن كۆپرەككە يەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەپتەرلىرىمنى 5000غا يەتكۈزۈشنى مۆلچەرلەۋاتىمەن، بىر كەپتەرنى 15–20 يۈەندىن، بىر جۈپ كەپتەر تۇخۇمىنى ئون يۈەندىن ھېسابلىغاندا، بۇ يىل كىرىمىمنى تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەن ئاشۇرالايمەن، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ساپ كىرىمىم 76 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

   ساي ئۆستەڭ كەنتىدىكىلەر ئۇزاقتىن بۇيان كەپتەر بېقىپ كەلگەن، بۇ كەنتتىكى 503 ئائىلىلىكنىڭ 400 نەچچىسى كەپتەر باقىدۇ. روزىمەمەت مەتروزىنىڭ ئۈلگە بولۇشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىنى كۈچەيتتى. كەنت ئاھالىسى مەتتۇرسۇن ياسىن مۇنداق دېدى: روزىمەمەت مەتروزىنىڭ كەپتەر بېقىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، مەنمۇ بۇ يىل 500 كەپتەر باقماقچى بولدۇم.

   روزىمەمەت مەتروزى نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇماي، كەپتەر بېقىش تېخنىكىسىنى كەنت ئاھالىلىرىگە خالىس ئۆگەتتى.

   كەنتتىكى 37 ياشلىق ئابدۇللا مەمتىمىن مېيىپ بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلالمىغاچقا، ئىزچىل نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانىدى. بۇلتۇر، ئۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، 100 كەپتەر سېتىۋالدى، روزىمەمەت مەتروزى ئۇنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىدى، ئايلانما باقمىچىلىق ئارقىلىق بۇ يىل ئۇنىڭ كەپتىرى كۆپىيىپ، 200دىن ئاشتى. ئابدۇللا مەمتىمىن مۇنداق دېدى: كەپتەر بېقىشنىڭ تەننەرخىمۇ، ئەمگەك سىجىللىقىمۇ تۆۋەن، مەن ئاخىر كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى تاپتىم.

   كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نۇرئەلى يۈسۈپ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە كەپتەر باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلسا، روزىمەمەت مەتروزى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلامچىسى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە چوڭ تىپتىكى كەپتەر فېرمىسى ۋە پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، كەپتەر گۆشى، تۇخۇمىنى پىششىقلاپ، باقمىچىلىق بىلەن پىششىقلاشنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلىش يولىغا مېڭىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى كەپتەر باقمىچىلىقىغا تايىنىپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى