تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئەبۇزەبى، 7–ئاينىڭ 20–كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر سۇ شياۋپو). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەدنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 7–ئاينىڭ 20–كۈنى كەچتە ۋەلىئەھدى قەسىرىگە بېرىپ مېھمان بولدى. ئىككى تەرەپ دوستانە، ئازادە كەيپىياتتا جۇڭگو–ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

   شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ تارىخىنى خۇرسەنلىك بىلەن ئەسلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئاساسى پۇختا بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇستەھكەملىنىپ كەلدى. 2015–يىلى ۋەلىئەھدى ئالىيلىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، بىز جۇڭگو–ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، جۇڭگو–ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدۇق. مەن بۇ قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولدۇم، بىز ئىككى تەرەپ يېڭى، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، زور نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

   مۇھەممەد رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن قارشى ئېلىپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مول نەتىجىلىك، ئەھمىيىتى زور بولدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەمراھى بولۇشنى، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ھاسىل قىلىنغان مۇھىم، ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ توختاۋسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.