تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن

قومۇل شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاسىيەت ئىسھاق

   شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى بۇ بىپايان، مۇنبەت زېمىننى ئورتاق ئېچىپ، قۇرۇپ ۋە قوغداپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولغان، بىر–بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى.

   ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن–تەرەققىي قىلغان، ئىتتىپاق–مۇقىم بولغان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئاق–قارىنى ئاستىن–ئۈستىن قىلىپ، ھەق–ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇلار ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت–دىن سىياسىتىنى ھاقارەتلەپ ۋە ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي قارشىلىشىشقا قۇترىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغاپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى. بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي، قاچىدىغان يول قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.

   شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر، بەزىدە ھەتتا ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. ھازىر، شىنجاڭ يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، قانۇنچىللىق تەربىيەسى، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تەربىيەسى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش تەربىيەسىنى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىدىيەۋى ئاساسىمىزنى پۇختىلاپ، تېنىمىزدىكى ھەربىر ھۈجەيرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ زەھىرىنى ئۈزۈل–كېسىل تازىلىشىمىز كېرەك.

   جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا ئىگە مىللەت خۇددى ئادەم ئۆز ئۆيىنىڭ يۆنىلىشىنى، قۇش ئۆز ئۇۋىسىنىڭ يۆنىلىشىنى، پاراخوت قىرغاقنىڭ يۆنىلىشىنى بىلگەنگە ئوخشاش بوران–چاپقۇندا مەڭگۈ ئېزىپ قالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كەمچىل بولۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››ى ئاجىزلىشىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، ئەقەللىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە مەيدانىنى يوقىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بىر قىسىم كىشىلەر ئاخىرىدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسىغا ئايلىنىپ، دۆلەت بىلەن، جەمئىيەت بىلەن، مىللەت بىلەن دۈشمەنلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۇيۇق يولغا ماڭدى. بىز مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، باشتىن–ئاخىر كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىز ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پولات سېپىل بەرپا قىلىپ، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا ئۈزۈل–كېسىل غەرق قىلىشىمىز كېرەك.

   پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى، ھەر مىللەت ئامما قەلبداش بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشساقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايمىز. مەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمەن، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزىمەن. ‹‹تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش››، ھەممەيلەن ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى ئۈزۈل–كېسىل يوقىتىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسى ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئۈزۈل–كېسىل تازىلاپ، ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي–ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى