تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇش

—— شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى پارتكومى توغرىسىدا

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

   شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە 80–، 90–يىللىرىدا تۇغۇلغانلاردىن تەشكىللەنگەن ئاۋانگارت كوللېكتىپ  كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى پارتكومى بار، بۇ پارتكوم ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش ئارقىلىق پارتىيەگە ساداقىتىنى بىلدۈردى.

    ‹‹ئارىلاشما›› پارتىيە ياچېيكىسىنى ئىجادىي قۇرۇش

   7–ئاينىڭ 6–كۈنى، يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش پائالىيىتى گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكىلەر تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، ئون نەچچە ئوقۇغۇچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى قۇراشتۇرۇۋاتاتتى ۋە تەڭشەۋاتاتتى. بۇ تەتىلدە، ئۇلار كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى يېزا–كەنتلەرگە بېرىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى ئارقىلىق يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش بويىچە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

   شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى پارتكومى 2–پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كومپيۇتېر ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بەي تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كوللېكتىپىمىزدا پارتىيە ئەزالىرىمۇ، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىمۇ بار، پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈن جەريانغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇ، شۆيۈەنىمىز بەرپا قىلغان ‹‹ئارىلاشما›› پارتىيە ياچېيكىسى قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىيەت پائالىيىتى.

   ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ‹‹ئارىلاشما›› پارتىيە ياچېيكىسىنى قۇرۇش شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان دىققەتنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك ئىجادىي تەدبىرى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق خادىم ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت «چوڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي» ئەندىزىنى بەرپا قىلىشتىكى كۈچەش نۇقتىسى.

   بۇ شۆيۈەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ‹‹ئارىلاشما›› پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ياچېيكا پائالىيىتىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشى، ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشى، تىرىشىپ ياراملىقلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئارىلاشما پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ياراملىقلاردىن بولۇشىنى چۆرىدەپ، ئۇلارغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. يېقىندا پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىدا ‹‹كەسىپلەشكەن مەشق لاگېرى›› پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنى يەرلىكتىكى داڭلىق IT كارخانىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تونۇشىنى كۈچەيتىشىگە، كەسپىي تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياخشى ئاساس سالدى.

   شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جىن شياۋلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئارىلاشما پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈچ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پائالىيەت شەكلى ۋە مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىپ، پائالىيەت ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىلاشما پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۆيۈەنىمىز ياچېيكا تۇرمۇشىنى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىلىشىش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا، ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

   جىن شياۋلۇڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىلاشما پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار، ئۆزگىچە ياچېيكا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىدى. شۆيۈەن پارتكومى ياچېيكىنى بىرلىك قىلىپ ‹‹مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش››، ‹‹شانلىق مۇساپە›› تېمىسىدىكى پارتىيە تارىخى بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى.

   ‹‹ئالاقە تورى+›› پارتىيە قۇرۇلۇشى تەربىيە سۇپىسى قۇرۇش

   يېڭى دەۋردە، پارتىيە دەرسىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي ئۆتكىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى پارتكومى ياراتقان ‹‹ئالاقە تورى+ پارتىيە دەرسى›› ئەندىزىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

   ‹‹ئىتتىپاقلىق show››، ‹‹ئىلگىرىلەش show››، ‹‹<ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش> مىكرو دەرسخانىسى››... شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسى ۋە تور تېرمىنالى تەربىيە–تەشۋىق سۇپىسىنى چېكىشىمگىلا، دەۋر تۈسىگە باي ئىستونلار بىر–بىرلەپ كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شۆيۈەن پارتكومى ۋەزىيەتنىڭ يۆنىلىشى بويىچە يېتەكلەپ، ‹‹ئالاقە تورى+›› تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تور گۈللەنمە تاراتقۇلىرىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، پارتىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنىڭ يېڭى سۇپىسىنى بەرپا قىلدى، شۆيۈەن ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسى، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش QQ توپى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، تەربىيەلەش شەكلى، ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، پارتىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنى گۈللەنمە تاراتقۇلار سۇپىسىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەۋى بىلىملىرىنى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، توردا مۇزاكىرە قىلىش، ئىدىيە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ‹‹بىر كىشىلىك دەرسخانا››نى ‹‹كۆپچىلىك پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مۇنبەر››گە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى ‹‹باستۇرۇپ سۇغىرىش شەكلى››دىن ‹‹تېمىتىپ سۇغىرىش شەكلى››گە ئۆزگەرتتى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۆيۈەندىكى ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى مەكتەپ پارتكومىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ياچېيكىنىڭ ئۆگىنىش، پائالىيەت پىلانىنى تۈزۈپ، شۇجى ‹‹مىكرو پارتىيە دەرسى›› تەسىس قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى نەزەرىيە تەربىيەسىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ‹‹قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش، ئاۋانگارتلاردىن بولۇش››نى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى.

   پارتىيە قۇرۇلۇشى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا، بىۋاسىتە ھېس قىلىش، دېلو مىساللىرى ئارقىلىق سۆزلەش، ھەمتۈرتكە بولۇش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش شەكلىدىكى ئوقۇتۇش ئەندىزىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، شۆيۈەن پارتكومى مەكتەپ سىرتىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئەمەلىيەت بازىسى قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى قەرەللىك تەشكىللەپ، ئىگە–چاقىسىز ياشانغانلاردىن ھال سوراش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلار ‹‹قىزىل قۇياش دەرسخانىسى›› قاتارلىق ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەۋىلىك قارىشى ۋە ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتتى.

   شۆيۈەن 1–پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ياش ئەزاسى، پارتىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ياپېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قويۇق پارتىيە قۇرۇلۇشى كەيپىياتى تېخىمۇ كۆپ ساۋاقداشنى پارتىيەگە كىرىشكە جەلپ قىلماقتا. 2015–يىلىدىن بۇيان شۆيۈەنىمىز 95 ئوقۇغۇچىنى پارتىيەگە تەرەققىي قىلدۇردى، 100 گە يېقىن پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپىنى يېتىشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى