تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2–قېتىملىق ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىلدى

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2–قېتىملىق ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 7–ئاينىڭ 20–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى شەكلىدە 2–قېتىملىق ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دىققەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى چۆرىدىلىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

   شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشنى كۆزلەپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىكى تۈرلۈك نىشان–ۋەزىپىلەرنى كۆزلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويماي، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى قەدەم تاشلىدى. كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، ۋەزىپىلەر يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. جايلار، تارماقلار خىزمەت جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي كۈچەپ ئىشلەپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ تىرىشىپ ئىشلەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

   شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداشنى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇھىم كاپالىتى قىلىپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش، ‹‹ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت››نى چىڭ تۇتۇش، ئىسلاھات–ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، تونۇشنى يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتتە قەدەمنى بىردەك ئېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشقا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما–تەلەپلىرىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ‹‹بارلىق كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش پىكرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق ياكى ئىشنى قالايمىقان قىلىش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىشنى قەتئىي، كەم–كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش ئىستىلىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان–ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن زالى ۋە تارماق يىغىن زالىدا ئايرىم–ئايرىم سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى