تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو بىلەن سېنېگالنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرايلى

شى جىنپىڭ سېنېگال تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7–ئاينىڭ 20–كۈنى تېلېگراممىسى. 7–ئاينىڭ 20–كۈنى، سېنېگال جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سېنېگالدا چىقىدىغان ‹‹قۇياش گېزىتى››دە ‹‹جۇڭگو بىلەن سېنېگالنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرايلى›› سەرلەۋھىلىك ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

   جۇڭگو بىلەن سېنېگالنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرايلى

   جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

   سېنېگال تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر دەرھال ئافرىقا پۇتبول ساھەسىدىكى كۈچلۈك كوماندا  ‹‹تېرانگا ئەركەك شىرى›› كوماندىسىنى، دۇنيادىكى ئەڭ مۈشكۈل مۇسابىقە دەپ ئاتالغان داكار ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسىنى ئەسكە ئالىدۇ. بۇ جاي يەنە ئۇزاق تارىخى بار، مەشھۇر زاتلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت يۇرتى. ئەزىز دۆلىتىڭلارنىڭ ئاساسچىسى زۇڭتۇڭ سانگېر داڭلىق شائىر ۋە يازغۇچى، ئۇ 1974–يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن شېئىر ھەققىدە پىكىرلەشكەن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ‹‹نېگىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى روھى›› پائال تەشەببۇس قىلىنىپ، سېنېگال ۋە ئافرىقا خەلقىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سال زۇڭتۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، سېنېگال تەرەققىيات مۇنبەت تۇپرىقىغا ئايلىنىپ، ‹‹سېنېگالنى گۈللەندۈرۈش پىلانى››دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. مەن سال زۇڭتۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سېنېگالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو–سېنېگال مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

   جۇڭگو–سېنېگال مۇناسىۋىتى 47 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، بۇ ئارىدا ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ كۆرۈلدى، ئەگرى – توقايلىقلارنىمۇ بېسىپ ئۆتتۇق، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا قوللىشى، دوستانە ھەمكارلىقى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كەلدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ رىشتى باشتىن–ئاخىر زىچ باغلىنىپ كەلدى. 2005–يىلى، جۇڭگو بىلەن سېنېگال دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى بەت ئېچىلدى. جۇڭگو سېنېگالنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، سېنېگال جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى مول بولدى، چوڭ–چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ماسلىشىشنى ساقلىدى. جۇڭگو–سېنېگال مۇناسىۋىتىدە ئۇزاق مۇددەتلىك دوستانە ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

   ھازىر جۇڭگو سېنېگالنىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھى، خاسىڭ ئىمپورت قىلىدىغان بىرىنچى چوڭ ئىمپورت دۆلىتى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى ئون نەچچە يىلدا 16 ھەسسە ئاشتى. جۇڭگو سېنېگالنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدىغان بىرىنچى چوڭ مەنبە دۆلىتى. جۇڭگو مەبلىغى ئارقىلىق سېلىنغان فاڭجيۇنى كۆۋرۈكى، ياسالغان تېيس–تۇبا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق تۈرلەر سېنېگالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈسى. جۇڭگو مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ يولغا قويغان يېزا–كەنتلەرگە قۇدۇق قېزىش قۇرۇلۇشىدا قېزىلىدىغان 251 كۆز قۇدۇق ۋە ياتقۇزۇلىدىغان 1800 كىلومېتىر تۇرۇبا يولى سېنېگالدىكى يەتتىدىن بىر قىسىم ئاھالىنىڭ سۇ ئىچىش، سۇ ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، جۇڭگو ياردەم بېرىپ سالغان دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانا، نېگىرلار مەدەنىيەت مۇزېيى، ماھارەت كۆرسىتىش–چېلىشىش مەيدانى قاتارلىقلار سېنېگال مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

   ‹‹ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلار، ئادەم ئۇزاق يىلدا››. ئەينى يىلى، سانگېر زۇڭتۇڭ جۇڭگودىن سېنېگالغا ياردەم بېرىشكە بارغان يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن ئوخشاش ئەمگەك قىلىپ، قوللىرىنىڭ لاي بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەنگەنىدى. ھازىر جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر يەنىلا ئېتىز – ئېرىق بېشىدا، سېنېگاللىق قېرىنداشلار بىلەن شال ۋە كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرماقتا. دوستلۇق ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. 2013–يىلى، 65 ياشلىق سېنېگاللىق بوۋاي بىلاما ‹‹جۇڭگو تەسىراتى›› زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان 250 مىڭ كىشى ئىچىدىن ئوزۇپ چىقىپ، ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى ھەم جۇڭگونى ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيانقى جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى. ھازىر ھەر يىلى 800گە يېقىن سېنېگاللىق ئوقۇغۇچى جۇڭگودا ئوقۇيدۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بېرىپ–كېلىپ سودا قىلىدىغان، ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى %20تىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشماقتا. ھەر قېتىملىق تېلېفوندا سۆزلىشىش، ئېلخەت ئەۋەتىش، قول ئېلىشىشتىن سىرداش دوستلار كۆپىيىۋاتىدۇ، خەلقنىڭ دوستلۇقى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.

   ۋولوفلاردا ‹‹ھەر بىر كىشى باشقىلارنىڭ تەسەللى بەرگۈچىسى›› دېگەن گەپ بار. بۇ، جۇڭگولۇقلار دائىم ئېيتىدىغان ‹‹مەن ھەممە ئۈچۈن، ھەممە مەن ئۈچۈن›› دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش مەنىدە. جۇڭگو سېنېگالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىدىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئەزەلدىن خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ، ئوخشاش تارىخىي قىسمەتلىرى بار، ئورتاق تەرەققىيات ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلگەن، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئورتاق ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن. بىز قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ قويۇق جۇڭگو–ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئورتاق يۈكسىلىش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

   مەن 2013–يىلى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش. سېنېگالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەت ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇ يىل 9–ئايدا، جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030–يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹2063–يىلىغىچە بولغان قارالمىسى›› ھەم ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى زېمىن ھازىرلايدۇ. بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن سېنېگال مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

   بىز باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرىمىز. ئىككى تەرەپ يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ–چوڭ مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى دوستلاردىن، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

   بىز ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. سېنېگال ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو سېنېگال بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 يىلدىن بۇيانقى سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن بەھرىلىنىشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

   بىز ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. جۇڭگو ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى يېتەكچى قىلىش، جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى سۇپا قىلىش ئارقىلىق، سېنېگال بىلەن ئەۋزەللىكنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسىدىكى پىششىقلاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، سانائەت رايونى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، سېنېگالنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىلمىي پىلانلاش، ئىقتىسادنى ئىمكانىيەتلىك يۈرۈشتۈرۈش، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش ئاساسىدا، سېنېگال بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

   بىز ئەلرايىنى راۋانلاشتۇرۇش يولىنى كېڭەيتىمىز. ئىككى تەرەپ مائارىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، ئەدەبىيات–سەنئەت تەشكىلاتلىرى، تاراتقۇ، ياشلار تەشكىلاتىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق تېز پويىزىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم يۈرۈشىگە، تېخىمۇ يىراققا بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

   بىز خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىمىز. جۇڭگو سېنېگال بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى قاتارلىق مۇھىم قارالمىلاردىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، سېنېگال بىلەن بولغان جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مۇنبەر مېخانىزمى ۋە جۇڭگو–ئافرىقا مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

   جۇڭگو بىلەن سېنېگال خەلقىنىڭ ئارزۇسى ئوخشاش، تەقدىرى تۇتاش. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو–سېنېگال ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش يولىنى بويلاپ توختاۋسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولايلى! جۇڭگو بىلەن سېنېگالنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.