تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش–باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7–ئاينىڭ 20–كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش–باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىسلاھات لايىھەسى» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش–باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى. «ئىسلاھات لايىھەسى»دە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، بۇ، دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش–باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت.

   «ئىسلاھات لايىھەسى»دە دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش–باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە ئاساسىي نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە يولغا قويۇش قەدەم–باسقۇچلىرى، كاپالەت تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   «ئىسلاھات لايىھەسى»دە، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش–باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئاپپاراتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە باجدىن باشقا كىرىمدىن باج ئېلىش–باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايرىۋېتىپ، ئەلالاشتۇرۇلغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىرلىككە كەلگەن باج ئېلىش–باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردە باج ئېلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، باج ئېلىشنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۇللۇق، تۈۋرۈكلۈك، كاپالەت خاراكتېرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش تەكىتلەندى.

   «ئىسلاھات لايىھەسى»دە، دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش–باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ تۆت پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەنى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش–باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ باشتىن–ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش. خەلقنى كۆزلەش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش. باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە ھەق تاپشۇرغۇچىلارنى مەركەز قىلىپ، باج ئىشلىرىنى بېجىرىش ۋە ھەق تاپشۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى ئارىلىقتا قاتراش»، «ئىككى تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، باج تاپشۇرۇش ۋە ھەق تاپشۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان باج ئورگىنى قۇرۇپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش. ئەلالاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، بىر تۇتاش بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. باج ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە بايلىق تەقسىملەشنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ئاشكارىلىقى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى، باجدىن باشقا كىرىمدىن باج ئېلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. قانۇن بويىچە، ماس، پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىش، ئادەم، كۈچ، قەلبنى بىرلەشتۈرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقى، مەسئۇلىيەتنىڭ سىلىق ئايرىلىشى، خىزمەتنىڭ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

   «ئىسلاھات لايىھەسى»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھات ئارقىلىق ئەلالاشتۇرۇلغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىرلىككە كەلگەن باج ئېلىش–باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە ھەق تاپشۇرغۇچىلارنى تېخىمۇ ئەلا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، باج قانۇنىغا رىئايە قىلىش دەرىجىسى ۋە جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، باج ئېلىش–باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، باج ئېلىش–باج تاپشۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، باج خىراجىتىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، باجنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

   «ئىسلاھات لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاۋۋال بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بارلىققا كەلتۈرمىگىچە ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق تەلىپىگە ئاساسەن، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە لايىھەلەش، باسقۇچ بويىچە يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاۋۋال ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، ئاندىن «ئۈچنى بېكىتىش» بەلگىلىمىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئالدى بىلەن دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئاپپاراتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاندىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە باجدىن باشقا كىرىمدىن باج ئېلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، ئالدى بىلەن ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر ھەم پىلانى ئايرىم شەھەر، تۆۋەندە بىردەك ئۆلكە دەپ ئاتالدى)لىك باج ئىدارىلىرى ئىسلاھاتى پۇختا قىلىنىپ، ئاندىن شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق، تۆۋەندە بىردەك شەھەر دەپ ئاتالدى)لىك باج ئىدارىلىرى، ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن، تۆۋەندە بىردەك ناھىيە دەپ ئاتالدى)لىك باج ئىدارىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ قەدەم–باسقۇچى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەر تۈر بويىچە، ۋاقىت تۈگۈنى بويىچە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2018–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

   «ئىسلاھات لايىھەسى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باج سىستېمىسىدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ باج خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتىكى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج سىستېمىسىدا پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باج سىستېمىسىدا پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باج سىستېمىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج باش ئىدارىسى باج سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، يەرلىك پارتكوملار جايلاردىكى باج تارماقلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشكە مەسئۇل بولۇشى، ھەر دەرىجىلىك باج ئىدارىلىرى پارتكوملىرى يەرلىك پارتكوملار ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارماقلىرى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىللە تۇتىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

   «ئىسلاھات لايىھەسى»دە باج تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش–باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئاپپاراتلىرى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، باج باش ئىدارىسى ئاساسىي رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر قوش رەھبەرلىك قىلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم مەسئۇلىيىتى ئېنىق، يۈرۈشۈشى راۋان، كاپالىتى كۈچلۈك بولغان تۈزۈم مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش، ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش، كەسىپ ۋە كىرىمنى باشقۇرۇش، باج ئېلىشنى ئورتاق تۈزەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، باج باش ئىدارىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك باج تارماقلىرى، شۇنداقلا يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باج ئېلىش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى، ئىش تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، باج ئېلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش باج تۈزۈمى بىلەن دەرىجىگە ئايرىلغان مالىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاشقا پايدىلىق.

   «ئىسلاھات لايىھەسى»دە، يەنە يېڭى باج ئورۇنلىرىغا ۋىۋىسكا ئېسىشنى تاماملاش، يېڭى باج ئورۇنلىرىنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش» بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ چىقىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە باجدىن باشقا كىرىمدىن باج ئېلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايرىشنى قانات يايدۇرۇش، باج خىراجىتى كەسپى بىلەن ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىرىكتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن مۈلۈك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم ئالاقىدار كاپالەت تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلىك باج ئىدارىلىرىدىن مەركەزلىك ئىش بېجىرىشنى قەرەلىدە دەرىجىمۇ دەرىجە، قەدەم–باسقۇچ بويىچە تاماملاش، يېڭى ئاپپاراتلارغا ۋىۋىسكا ئېسىش ھەم يېڭى ئاپپاراتلارنىڭ نامىدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى تەلەپ قىلىندى. ئاپپارات سانىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى باج تەشكىلىي سىستېمىسى ۋە باج ئېلىش–باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كۈچلەرنى تەقسىملەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئىلمىي، فۇنكسىيەسى، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، بايلىق تەقسىملىشى مۇۋاپىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2019–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەقلىرىنى باج تارماقلىرىنىڭ بىر تۇتاش يىغىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. خەلققە قولايلىق بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، باجدىن باشقا كىرىمدىن باج ئېلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى باج تارماقلىرىغا ئايرىپ بېرىش دائىرىسى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، قانۇن بويىچە ساقلاپ قېلىنىدىغان،  ئايرىپ بېرىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان باجدىن باشقا كىرىم تۈرلىرىنىڭ بىر تۈركۈمى پىشىپ يېتىلسە بىر تۈركۈمىنى ئايرىپ بېرىپ، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن باج ئېلىش–باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەسىپلەرنى بىرىكتۈرۈپ، باج تاپشۇرۇش ۋە ھەق تاپشۇرۇشنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە ھەق تاپشۇرغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى قولايلىق يارىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

   «ئىسلاھات لايىھەسى»دە: باج باش ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاشنى چىڭ تۇتۇشى، ھەر قايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى، ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پائال ماسلىشىشى، ھەر قايسى ئۆلكىلىك باج ئىدارىلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇشى ھەم سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، ئىنتىزام تەلىپىنى كۈچەيتىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى خىزمەت تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى