تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد، ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلدى

سۈرەتتە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7–ئاينىڭ 20–كۈنى ئەبۇزەبىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد، ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئەبۇزەبى، 7–ئاينىڭ 20–كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن جى، خو شياۋگۇاڭ، جېڭ كەيجۈن). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7–ئاينىڭ 20–كۈنى ئەبۇزەبىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد، ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى بىردەك قارار قىلدى.

   شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كاتتا، قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، بۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرىنى ۋە جۇڭگو–ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، دەپ كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2015–يىلى 12–ئايدا، مەن ۋەلىئەھدى ئالىيلىرى بىلەن بېيجىڭدا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، تېز، چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلغانىدۇق. جۇڭگو–ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، بىز ئىككى دۆلەت جۇڭگو–ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئورناتتۇق، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى دوستلاردىن، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئورتاق يۈكسىلىش ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شى جىنپىڭ يەنە ئۇلارغا خەلىپە زۇڭتۇڭدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چىڭىتىپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە داۋاملىق ئېتىبار بېرىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتا تەبىئىي ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھلار، جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تايانچ دۆلەت دەپ قارايدۇ، ۋەلىئەھدى ئالىيلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹يىپەك يولىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش›› تەسەۋۋۇرىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشى ۋە كەسىپ سىياسىتى جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئورتاق قۇرۇۋاتقان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بايراقدار تۈرىنى ياخشى پىلانلىشى، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشى، ئوتتۇرا شەرق دېڭىز قولتۇقى رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ھەر تەرەپلىمىلىك، ئىستېرېئولۇق ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى، مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئەلرايىنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان دىن ۋە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارىسىدىكى سىغدۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو ۋەلىئەھدى ئالىيلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ياش ئەلچىلەر›› جۇڭگونى زىيارەت قىلىش تۈرىنى ياخشى يولغا قويۇشنى قوللايدۇ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە زۇڭلى ئالىيلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹جۇڭگوغا قۇچاق ئېچىش›› پىلانىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تەجرىبىلەردىن بەھرىلىنىپ، بىرلىكتە دۇبەي دۇنيا يەرمەنكىسىنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغۇدەك كاتتا مەرىكە قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدىكى ئامما ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىققا تەلپۈنمەكتە، تىنچلىقنى كۆزلەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېقىم بولماقتا. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، تەرەققىيات ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئوتتۇرا شەرقنى ئىدارە قىلىش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشنى، سىياسىي يول ئارقىلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

   مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە زۇڭلى مۇھەممەد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ جاينى ئۆز ئۆيىدەك بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە پەخىرلەنگۈدەك مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگو يولغا قويغان ئوچۇق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ، جۇڭگو بىلەن كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى بولۇشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەرەب دۇنياسى قەدىمكى يىپەك يولى ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ساقلاپ كەلمەكتە. ھازىر، جۇڭگو دۇنيانى يېتەكلەپ يىپەك يولىنى قايتا ئاچتى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى داۋاملىق ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ.

   ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015–يىلى جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىم ھېلىمۇ ھازىرقىدەكلا ئېنىق ئېسىمدە. دۆلىتىمىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال. بىز جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىنتايىن قايىل، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىمىز، جۇڭگونىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىدىغانلىقىغا، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا جەزمەن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، پەن–تېخنىكا، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى بار، قېرىندىشىمىزدەك بولۇپ قالغان جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى، ئىستراتېگىيەلىك، دوستانە مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ باشتىن–ئاخىر تاشقى ئالاقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى–جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن تەرەققىيات، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ–چوڭ مەسىلىلەردىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

   سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى››نى ئېلان قىلدى.

   ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھچى بولدى.

   ۋەلىئەھدى مۇھەممەد شى جىنپىڭغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى  زاھېد ئوردېنىنى بەردى.

   ئوردېن بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ۋەلىئەھدى مۇھەممەد شى جىنپىڭغا بىر ئەرەب ئېتى سوۋغا قىلدى. ئەرەب ئېتى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى، قىممەتلىك ئات نەسلىنىڭ بىرى، ئەزىز مېھمانلارغا ئەرەب ئېتى سوۋغا قىلىش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خان جەمەتىنىڭ ئەزىز دوستلىرىغا بىلدۈرىدىغان ئالاھىدە كۆڭلى ۋە ئالىي قائىدە–يوسۇنى.

   دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىدىكى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.