تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

12123 قاتناش بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى شىنجاڭدا ئېچىلدى

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۆز تورىمىز خەۋىرى. 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىدە «يېڭى دوست» كۆپەيدى، 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، 12123 قاتناش بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى شىنجاڭدا ئېچىلغان بولۇپ، بۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى سىناق نۇقتا تۈرى.

    «كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش»  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئۈچۈن،  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنسىتىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى 2018-يىلى 3-ئايدا 12123 قاتناش بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنى رەسمىي يولغا قويدى.

    12123 قاتناش بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى قايسى مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ؟

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە شوپۇرلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى. گەرچە كۆزنەك، تور بېكەت، يان تېلېفون APP دېتالى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بولسىمۇ، لېكىن ئاۋازلىق مۇلازىمەت ئۆز  ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى بىلەن قۇلاي، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ.

    تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى

  12123 قاتناش بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئابونتلارنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنمىغان قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، پىراۋا ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، پراۋىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش، نەتىجە تەكشۈرۈش قاتارلىق 10 تۈرلۈك ئاپتوماتىك ئاۋازلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    كەسپ بېجىرىش

   12123 قاتناش بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش، ئېلىش، ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش، پراۋىنى تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش، ئېلىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك كەسىپ رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ.

    بىر كۇنۇپكا بىلەن ئاپتوموبىلنى يۆتكەش

    ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلى باشقا ئاپتوموبىللار تەرىپىدىن توسۇلۇپ چىقالمىسا ھەمدە قارشى تەرەپ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرمىغان بولسا، 12123كە تېلېفون قىلسا تېز سۈرئەتتە ئاپتوموبىل ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرىدۇ.

   12123 قاتناش بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى تورغا چىقالمايدىغانلار ياكى ئالاقە تورى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئامالسىز قالغانلارنى كەسىپ سۈرۈشتۈرۈش، ئۇچۇر تەكشۈرۈش ۋە كەسىپ بېجىرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ .

    12123 قاتناش بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟

    ئاۋازلىق قىزىق لىنىيەسى بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى مۇلازىمەت ئۇسۇلى بولۇشى بىلەن ئىشلىتىلىشى قۇلاي ھەم تېز.

    ئابونېت ئالاقە تورى مۇلازىمەت سۇپىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغاندا قالدۇرۇپ قويغان يان تېلېفون نومۇرى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەنگە ئېلىپ تىزىملىغاندا قالدۇرۇغان يان تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق 12123 مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، ئاۋازلىق ئەسكەرتىش تەلىپى بويىچە، ئاۋازلىق مۇلازىمەت مەخپىي نومۇر بېكىتسە (ئالتە خانىلىك مەخپىي نومۇرى) بولىدۇ. مەخپىي نومۇرنى بېكىتكەندىن كېيىن، سىستېما ئابونتلارنى تىزىملاش ئۇسۇلىغا ئاساسەن مۇناسىپ مۇلازىمەتنى ئاپتوماتىك ئېچىپ بېرىدۇ، ئىشلىتىش قولاي ھەم تېز (تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئابونتلارنى پەقەت تېلېفوندا مەسلىھەت بېرىش كەسپى بىلەنلا تەمىنلەيدۇ).

    ئاۋازلىق سۇپىغا تىزىملىتىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئابونېتلار ئاۋازلىق مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق خالىغان ۋاقىتتا ئۆز نامىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، پراۋا ئۇچۇرى ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئەھۋالىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، سانلىق مەلۇمەت توغرا ھەم جامائەت خەۋپسىزلىكى تور ئۇچىرى ھەرۋاقىت يېڭىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى