جۇڭگو ئاخبارات تورى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋىرى: ئۆتكەن ئالتە يىلدا گۇگۇڭ سارىيى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر سانى جەمئىي 100 مىليون ئادەم/قېتىمدىن ئاشتى، يېقىندا گۇگۇڭ سارىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ئۆي جاھازىلىرى سارىيى ئېچىۋېتىلدى، بۇنىڭ بىلەن گۇگۇڭ سارىيىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن كۆلىمى تۇنجى قېتىم %80 تىن ئاشتى.
گۇگۇڭ سارىيى مۇزېيىنىڭ 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، 2012-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە گۇگۇڭ سارىيى مۇزېيى جەمئىي 100 مىليون ئادەم/قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان. بېلەت ئىشلىرى سىستېمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 100 مىليونىنچى ساياھەتچى سىچۈەنلىك بولۇپ، ئۇ شۇ كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 9:00 دا سارايغا كىرگەن.