تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قارا شەھەردە كاشتان بىلەن كاۋا دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى ئاچتى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئالىمجان خەۋىرى، فوتوسى: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى قارا شەھەر ناھىيەسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 6-گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى شې يۈەنخۇا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، كاشتان ۋە كاۋىنىڭ ئۆسۈشى ئىنتايىن ياخشى بولۇۋاتىدۇ، مۆلچەرىمچە 8-ئايدا ھوسۇل ئالالايمەن».

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل قارا شەھەر ناھىيەسى بايلىق ۋە ئورۇن ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق ۋە زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، 800 مو يەرگە كاشتان ۋە كاۋا تېرىدى. كاشتان ۋە كاۋىنىڭ تېرىش تەننەرخى تۆۋەن، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشى ئۈچۈن يېڭى يول ئچىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى