شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: «ئابلىكىم، مەن بەش نان ئالىمەن»، «ئابلىكىم، ماڭا سامسىدىن بەشنى بېرىڭ...» ئابلىكىم غوپۇرنىڭ بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسىدىكى 80 كىۋادرات مېتىر كەلمەيدىغان دۇكىنى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى خېرىدارلار بىلەن لىق تولۇپ، سودىسى قىزىپ كەتكەن ئىدى.
بۇ يىل 39 ياشلىق ئابلىكىم 1998-يىلى 12-ئايدا كورلا شەھىرىدىن بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسىغا كېلىپ، بەش ئاي تەييارلىق قىلىپ، 290 يۈەن بىلەن بىر سامسىخانا ئاچقان ئىدى.
20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئابلىكىمنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، دۇكىنى بارغانسېرى كېڭىيىپ، پۇلنى بارغانسېرى كۆپ تاپتى ھەمدە بەختلىك بىر ئائىلە قۇردى.
ئابلىكىم مۇنداق دېدى: «يۇرتداشلارنىڭ ياردىمىدە بۈگۈنكىدەك ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتىم. يۇرتداشلارنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھامى ۋە قوللىشىنى يەردە قويمىدىم.»
«مەبلەغ يېتىشمىگەندە، يۇرتداشلار ئۆيىدىكى ئۇن ۋە سۇ مايلىرىنى مېنىڭ ئېشلىتىپ تۇرۇشىمغا بەردى، ماڭا ئىشەندى، مېنى قوللىدى.» ئابلىكىم كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى، تونۇردىن ھېلىلا چىققان سامسىلارنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى. ئابلىكىم مۇنداق دېدى: «يۇرتداشلارنىڭ ياردىمىدە سامسىخانام ئاستا-ئاستا ياخشىلاندى. تىجارەت باشلاپ ئۈچ يىلدىلا 10 مىڭ يۈەن تاپتىم.» ئابلىكىم بۇ پۇلدىن پايدىلىنىپ تىجارىتىنى كېڭەيتىپ، ئۈچ ئادەمنى ئىشلىتىپ، سامسا تۈرىنى كۆپەيتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئابلىكىم بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ. ئابلىكىم مۇنداق دېدى: «يۇرتداشلارنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتىم، كۆپچىلىكنىڭ ھەر قېتىم مەن ياققان سامسا ۋە ناننى ياقتۇرۇپ يېگىنىنى كۆرگىنىمدە شۇنداق مەمنۇن بولىمەن.»
«بۇلتۇر مەن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندۇم. بۇنىڭدىن باشقا، مەن تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن.» ئابلىكىمنىڭ ياردىمى بىلەن كەنتتىكى نۇرغۇن دېھقانلار ئۆز ئالدىغا دۇكان ئاچتى.