تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگو دۆلەتلىك رەسساملار يۇرتى كىيېۋ سەنئەت مەركىزى ئۇكرائىنادا قۇرۇلدى

    خەلق تورى خەۋىرى. جۇڭگو دۆلەتلىك رەسساملار يۇرتى كىيېۋ سەنئەت مەركىزى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شېۋچېنكو دۆلەت مۇزېيىدا رەسمىي يوپۇقىنى ئاچتى. بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو مەدەنىيەت سەنئىتىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو-ئۇكرائىنا ئىككى دۆلەت رەسساملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

   شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، شېۋچېنكو دۆلەت مۇزېيىنىڭ باشلىقى خېنرىك ستوك جۇڭگو دۆلەتلىك رەسساملار يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ جياڭدەن بىلەن بىرلىكتە سەنئەت مەركىزى قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويدى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرلىكتە مەركەزنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

   ستوك سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇق داڭلىق رەسساملارنى ئۇكرائىناغا ئېلىپ كېلىپ كۆرگەزمىگە تەشكىللەش مەركىزىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى. «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ھەر يىلى بۇ يەردە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم جۇڭگولۇق رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمىگە ئۇيۇشتۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنالىق رەسساملارنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

   جاڭ جياڭدەن مۇنداق دېدى: كىيېۋ سەنئەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ دۆلەتلىك رەسساملار يۇرتى بىلەن شېۋچېنكو دۆلەت مۇزېيىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە پۇختا ئاساس سالدى، بۇ مەركەزنىڭ جۇڭگو-ئۇكرائىنا ئىككى دۆلەتنىڭ گۈزەل-سەنئەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور تۆھپە قوشۇشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. 

  يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو-ئۇكرائىنا ئىككى دۆلەتنىڭ رەسساملىرى شېۋچېنكو دۆلەت مۇزېيىنىڭ يىغىن زالىدا «دۇنياۋىلىشىش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى جۇڭگو سىياھ سەنئىتى»توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى